ئامېرىكا ئاۋازى: ئەنگلىيە خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنى جازالاشنى ئويلاشماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە دەلىل -ئىسپاتلار بىلەن خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن باغلىنىشى بولغان تەشكىلاتنىڭ ئەنگلىيە ئۇچرىغان تور ھۇجۇمىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 12- فېۋرال

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-13

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە دەلىل -ئىسپاتلار بىلەن خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن باغلىنىشى بولغان تەشكىلاتنىڭ ئەنگلىيە ئۇچرىغان تور ھۇجۇمىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ يىل 1- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئەنگلىيىلىك تەھلىلچىلەر بىر قېتىملىق يىغىندا ياۋورپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، ھەمدە « يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزلۈكسىز تەھدىت» (Advanced Persistent Threat 10,APT10) ئاتالغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەنگلىيىگە قىلغان يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال ھۇجۇملىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرىكەتلەرنى مۇنازىرە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جازالاش ياكى بىرلەشمە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بار ئىكەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى 4- ئايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 20- كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدىغان خاككىرلار تەشكىلاتى APT10 ئىلگىرىكى نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە دۆلەتنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغۇرلىغان. ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا APT10 نىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغاندىكى ئىسپاتلار بۇ ئەيىبلەشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « بەزى دۆلەتلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەشكە قىلچىلىك ئاساسى يوق، بۇ بەتنىيەتلىك. خىتاي ئالاقىدار تەرەپلەرنى خىتايغا قارا چاپلىماسلىققا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ.»

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

مەنبە:

https://www.voachinese.com/a/EU-says-sanctions-against-Beijing-are-possible-after-Britain-alleges-Chinese-group-is-responsible-for-cyberattacks-20190212/4783036.html

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

زىمىستان تورى: بەش يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچكىرى تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلۈشى مۈمكىن

پە فېۋرال 14 , 2019
قىرغىنچىلىق: ۋەتەن ھەققىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېكەت زىمىستان تورى خەۋىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى :

You May Like