ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-فېۋرال
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئەزاسى ياڭ كىم بىلەن دىموكراتلار پارتىيسى ئەزاسى ئامى بىرا بىرلىكتە تەكلىپ سۇنغان «ئۇيغۇر سياسى ھەرىكىتى قانۇنى 2766» (Uyghur Policy Act (H.R.2766))نى مۇتلەق كۆپ سانلىق 414 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئشلار منسترلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەپ، ئامېرىكا فېدراتسيە ئىدارسنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش تەدبىرلىرى ۋە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كىينكى باسقۇچتا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسنىڭ بىلەت تاشلاپ ماقۇللىشىغا يوللىنىدۇ، ئەگەر كېڭەش پالاتاسدا ماقۇللانسا، پىرەزدىنتقا يوللىنىدۇ ۋە پىرەزدىنت ئىمزاسى ئارقىلىق رەسمى قانۇنغا ئايلىنىدۇ.
بۇ قانۇن ئۈچۈن ھېمايىچىلىق خىزمىتى قىلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بۇ قانۇننىڭ ئاۋام پالاتاسدا ماقۇللانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئالاقىدار قانۇن چىقارغۇچىلار (دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى)غا رەھمەت بىلدۈرۈپ بايانات ئىلان قىلدى.