ئالما، نايىك ۋە كوكاكولا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى»غا قارشى دەۋەت قىلماقتا

نيۇيورك تايمىز گېزىتىنىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئالما شىركىتىدىن كېيىن، نايىك ۋە كوكاكولا شىركەتلىرىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى سىياسىيونلار بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

تارىم
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 30- نويابىر

 

نيۇيورك تايمىز گېزىتىنىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئالما شىركىتىدىن كېيىن، نايىك ۋە كوكاكولا شىركەتلىرىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى سىياسىيونلار بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

 

بۇ يىل ئۈچىنجى ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا: Nike, Adidas, Adidas, Calvin Klein, Campbell Soup Company, Costco, H&M, Patagonia, Tommy Hilfiger ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە چېتىشلىق ئىش ھالقىلىرى مۇمكىنلىكى ئېلان قىلىنغان.

 

ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيىلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، نايىك شىركىتىنىڭ خىتاي چىڭداۋ رايونىدىكى زاۋۇتىدا 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 800 نەپەر ئ‍ۇيغۇر ئىشچى خىزمەتكە ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كارخانا بىر يىل ئىچىدە نايىك شىركىتى ئۈچۈن 7 مىلىيون جۈپ ئاياغ ئىشلەپ چىققان.

 

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئالما شىركىتى «ئۇيغۇر قانۇنى» نى ئىشقا ئاشۇرماسلىق ياكى چەكلىمىسىنى ئازايتىش ئۈچۈن كىنتاكى شىتاتى كېڭەش ئەزاسى مىچ مەككونىل ۋە سابىق ئامېرىكا پرېزدېنتى جورجى بۇشنىڭ ئىلگىرىكى خادىملىرىغا 90 مىڭ دوللار پۇل خەجلىگەن.

 

2020- يىلىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ پەسلىدە، نايىك شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ تەستىقلانماسلىقى ئۈچۈن ئاقسارايدا 920 مىڭ دوللار پۇل خەجلىگەن. ئۇيغۇر قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر نەچچە ئىشلار ئۈچۈن يەنە 400 مىڭ دوللار خەجلىگەن.

 

كوكاكولا شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ مەسلەكداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر نەچچە مەسىلىلەر ئۈچۈن مۇشۇ يىل ئىچىدىلا 5 مىلىيون دوللارغا يىقىن پۇل خەجلىگەن.

 

قىزىقارلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا ئۇيغۇر كرىزىسىدىن ئېچىنىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئىشچىلارنىڭ يوقلۇقى، ئۇيغۇر قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاستىرىتتىن قىلىۋاتقان توسقۇنلۇقلىرىغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر قانۇنىنىڭ ئىجرا ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈش ياكى بەزى «مۇۋاپىق» بولمىغان ماددىلاردا سۈلھى قىلىش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 

مەنبە:
https://www.nytimes.com/2020/11/29/business/economy/nike-coca-cola-xinjiang-forced-labor-bill.html?referringSource=articleShare&fbclid=IwAR2tykKWGd7Qpa-1y3iMtC7JCAEYu8tLHvUSDIqguGE45YRvOTutb3c4ZIk

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ياپونىيە يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بەردى

دۈ نويابىر 30 , 2020
ياپونىيەدىكى مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى ۋە ياپونىيە ھاۋا-ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى (JAXA) تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئىككى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، H2A راكېتاسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.

You May Like