Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى.
پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: سەدەف

 

2020-07-27

 

تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى.
پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.
2019.يىلى 5.ماي كۈنى تۇنجى مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغان Akit TV, شۇ يىلى ئىككى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېلۋوزۇر ئېكرانىغا ئېلىپ چىققان بولسا بۇ يىل رىياسەتچى خالىس ئۆز دەمىرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان ، ھىچبىر تەشكىلات ۋە پارتىيەگە تەۋە بولمىغان «كىشىلىك ھۇقۇق تەشەببۇسچىلىرى گۇرۇپپىسى»ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى دوكتور مۇھىتتىن جان ئۇيغۇر، مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى شۇنداقلا ياۋرۇپا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئىمزا توپلاش، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە تېخىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن توختىماي ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خالىس ئۆز دەمىر باشلاتقان ئۇيغۇر ھەققىدىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە تۆت مەيدان پروگرامما ئۇيۇشتۇرغان ۋە ھەربىر پروگرامما شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، گۇۋاھچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى، ئائىلىسىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ زارىنى جانلىق شەكىلدە تۈركىيە خەلقىگە تونۇتماقتا. «ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ يېنىدا بولىمەن. ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىپ، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىم بىلەن خىزمەت قىلىمەن» دېگەن خالىس ئۆزدەمىر، ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان يەكشەنبە كەچتىكى» نەق مەيدان سۆھبەت » پروگراممىسىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ئىستانبۇلدا كوللىكتىپ گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئالاھىدە دىققەت تارتتى

دۈ ئىيۇل 27 , 2020
بۈگۈن ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىدا ئۈستىللىرىگە خىتاي جازا لاگىردىكى مەھبۇسلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، قول - پۇتلىرىغا زەنجىر كىشەنلەرنى تاقىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن ياكى جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملەرنى ئېلىپ، تۈركچە، خىتايچە، ئىنگىلىزجە، ئەرەپچە تىللاردا ئاشكارە گۇۋاھلىق ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like