ئافغانىستاندا كۆكنارنى كىم تېرىيدۇ؟

ئافغانىستان ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىشتا بىرىنچى بولدى، تالىبان باش جىنايەتچىمۇ؟

 ئافغانىستاندا كۆكنارنى كىم تېرىيدۇ؟

ئافغانىستان ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىشتا بىرىنچى بولدى، تالىبان باش جىنايەتچىمۇ؟

ئەنگىلىيە ب ب س تورىنىڭ 25- ئاۋغۇست خەۋىرى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 26-ئاۋغۇست

 

 سۈرەت مەنبەسى:   GETTY IMAGES

 

 تالىباننىڭ جاكارلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئالدىنقى قېتىم ئافغانىستاندا ھوقۇقنى ئىگىلىگەندە كۆكنار تېرىش ۋە قانۇنسىز زەھەر سودىسىنى چەكلىگەن.

ئەمما، گەرچە ئۇلار ئالدىنقى قېتىم ھوقۇقنى ئىگىلىگەن ئاخىرقى بىر يىلدا، يەنى 2001-يىلى، كۆكنار تېرىش كۆلىمى شىددەت بىلەن چۈشكەن، بىراق تالىبانلار تىزگىنلىگەن جايلاردا كۆكنار تېرىش ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن.

ئافغانىستان قانچىلىك ئەپيۈن ئىشلەپچىقاردى؟
كۆكنارنى خام ئەشيا قىلىپ بىر قانچە خىل تېز خۇمار قىلىدىغان خىروئىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان زەھەر چەكلىگىلى بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسى (UNODC) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان دۇنيادىكى ئەپيۈننى ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، ئۇنىڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيادىكى تەمىنلەش مىقدارىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 

مەزكۇر ئورگاننىڭ 2018-يىلىدىكى مۆلچەرىدە، ئەپيۈن كەسپىنىڭ ئافغانىستان ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى %11 كە يېتىدىكەن.

 

 

 ئافغانىستاننىڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى

تالىبان ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟

تالىبان ئافغانىستاننى تىزگىنلىگەندىن كېيىن، باياناتچى زابىھۇللاھ مۇجاھىد (Zabihullah Mujahid) نىڭ دېيىشىچە: «بىز ئالدىنقى قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، زەھەر ئىشلەپچىقىرىلمىغان. »

ئۇنىڭ دېيىشىچە، «بىز يەنە بىر قېتىم ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىشنى نۆلگە چۈشۈرىمىز.» ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتكەسچىلىك پائالىيىتى بولمايدۇ.

تالىباننىڭ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىسى

دەسلەپتە، كۆكنار تېرىش تالىبان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە زور كۆلەمدە ئاشقان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ كۆلىمى 1998-يىلىدىكى تەخمىنەن 41 مىڭ گېكتاردىن 2000-يىلىدىكى 64 مىڭ گېكتارغا كۆپەيگەن.

بۇ ئاساسلىقى تالىبان تىزگىنلەۋاتقان ھىلماند (Helmand) ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن، ئۇ يەردىكى ئەپيۈن دۇنيادىكى قانۇنسىز ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %39 نى ئىگىلەيدۇ.

 

 سۈرەت مەنبەسى: GETTY IMAGES

 

ئەمما 2000-يىلى 7-ئايدا تالىبان ئۆزى تىزگىنلەۋاتقان جايلاردا كۆكنار تېرىشنى چەكلىدى.

2001-يىلى 5-ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىنىڭ كۆزىتىشىچە، «تالىبانلار تىزگىنلەۋاتقان رايونلاردا، كۆكنار تېرىشنى چەكلەش پەرمانى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.»

تالىبان كۆكنار تېرىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، 2001-يىلى ۋە 2002-يىلى دۇنيادىكى قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەپيۇن ۋە خىروئىن مىقدارى روشەن تۆۋەنلىگەن.

بىراق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.

گەرچە يېقىنقى ھۆكۈمەت تىزگىنلىگەن رايونلاردا يەنىلا تېرىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما زور كۆپ قىسىم كۆكنار تالىبان تىزگىنلەۋاتقان رايوندا تېرىلاتتى.

مەسىلەن، 2018-يىلى، تالىبان تىزگىنلەۋاتقان ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھىلماند ئۆلكىسى ۋە قەندەھار (Kandahar) ئۆلكىسىدە ئەپيۇن تېرىشقا ئىشلەتكەن يەر كۆلىمى ئەڭ كۆپ.

 

 

 ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئەھۋالى

كۆكنار تېرىش ئافغانىستاننىڭ ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەنبەسىگە ئايلانغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە جىنايەت مەسىلىسى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى كۆكنار تېرىش شۇ جايغا 120 مىڭ كىشىلىك ئىش پۇرسىتى تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان كۆكنار تېرىقچىلىقىدىن باج ئېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا پايدىغا ئېرىشكەن. ئۇلار كۆكنار تېرىقچىلىرىدىن %10 باج ئالغان.

ئەپيۈننى خىروئىنغا ئايلاندۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلىدىغان سودىگەرلەرمۇ باج تاپشۇرغان.

ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تالىباننىڭ ھەر يىللىق قانۇنسىز زەھەرلىك بۇيۇملار تىجارىتىدىكى ئۈلۈشى 100 مىليوندىن 400 مىليون دوللار ئارىسىدا.

ئامېرىكا نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئورگىنى ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئالاھىدە تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ دېيىشىچە، قانۇنسىز زەھەرلىك بۇيۇم تالىباننىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ %60 نى ئىگىلەيدىكەن.

زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئاخىرقى نىشانى قەيەر؟

ئافغانىستاندا تېرىلغان كۆكناردىن ياسالغان خىروئىن ياۋروپا بازىرىنىڭ %95 تىنى ئىگىلەيدۇ.

شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىغا تەمىنلىنىدىغان خىروئىننىڭ %1 تى ئافغانىستاندىن، زور كۆپ قىسمى مېكسىكىدىن كېلىدىكەن. 

2017-يىلىدىن 2020-يىلى ئارىلىقىدا، %90 تىن ئارتۇق ئەپيۈن تىپىدىكى  دورىلار تاشيول بىلەن توشۇلغان. ئەمما يېقىندا، ھىندى ئوكيان بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى دېڭىزدا ئەتكەس قىلىش مىقدارى ئازراق ئاشقان.

دۇنيادا ئەتكەس قىلىنغان ئەپيۈن ۋە خىروئىن مىقدارىدا

گەرچە تەۋرىنىش بولسىمۇ ئەمما كۆكنار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەپيۇنغا مۇناسىۋەتلىك قولغا چۈشكەن ئەتكەسچىلىك مىقدارى ئۆسۈش يۈزلىنىشىدە بولغان، بۇ ئافغانىستاننىڭ كۆكنار تېرىقچىلىق ئەھۋالى بىلەن بىردەك بولغان.

ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئالاھىدە تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ دېيىشىچە، زەھەر چەكلەش ۋە كىشىلەرنى قولغا ئېلىشنىڭ ئافغانىستان كۆكنار تېرىقچىلىقىغا بولغان تەسىرى يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ دېيىشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان ئەپيۈن ئەتكەسچىلىكىدە قولغا چۈشكەن مىقدارى پەقەت ئافغانىستاننىڭ 2019-يىلىدىكى كۆكنار ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %8 تىگە تەڭ ئىكەن.

 

خەۋەر مەنبەسى:

https://www.bbc.com/zhongwen/simp/world-58327628

Uyghur Reporter

Next Post

‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى تۈركىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك شايكىسغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى

پە ئاۋغۇست 26 , 2021
ئازغۇن ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئىلىپ بىرىلماقتا

You May Like