ئافغانىستاندىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلۈپ 28 ئادەم يارىلاندى

ئافغانىستاندىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلۈپ 28 ئادەم يارىلاندى

 ئافغانىستاندىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلۈپ 28 ئادەم يارىلاندى

تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-سېنتەبىر

ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان ھېرات شەھىرىدىكى چوڭ بىر مەسچىتتە پارتلاش يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 28 ئادەم ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان. ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە تالىپلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىنى ئالىمى مۇجىب راھمان ئەنسارى (Mujib Rahman Ansari  ) بار بولۇپ، ئۇ يەتتىنچى ئايدا تالىبانغا قارشى چىققان ھەر قانداق دىنى تەشكىلات ۋە دىنى مەزھەپنى مۇرتەدلىك بىلەن ئەيىبلەپ خۇتبە سۆزلىگەن.

مەزكۇر پارتلاش ۋەقەسىگە تېخىچە ھېچقانداق تەشكىلات ئىگە چىقمىدى، ئەمما ئالاقىدار تەرەپلەر بۇنىڭ دائىش خوراسان گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇشنى پەرەز قىلماقتا.

تالىبان ھۆكۈمىتى مەزكۇر پارتلاش جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە «بۇنى ئىلىپ بارغۇچىلار شەرىئەت بويىچە ئېغىر جازالىنىدۇ» دېدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقچى

سە سېنتەبىر 6 , 2022
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقچى

You May Like