ئادىل ئابلىز: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(ختاي)مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش تەكلىۋى بەرگەن

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال

نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ۋەكىللەرنى سۆزلىتىپ، ئۆزىگە پايدىلىق سياسەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق سياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيى تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىز مۇنداق تەكلىپ بەرگەن: «شنجاڭنىڭ مەدەنى يادىكارلىقلار ساھەسدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، مەدەنى يادىكارلىقلارنىڭ ئارقسىدىكى تارىخى ئامىللارنى چوڭقۇر قېزىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جۇڭخۋا مەدەنىيتى ئامىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىش كىرەك.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئورگان باھاسى:

بۇ ختاينىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان زىېمىننى ختاينىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلارنى بولسا-جۇڭخوۋا مىللىتىنىڭ تەركىۋى قسمى دەيدىغان پاكىتنى بۇرمىلاش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان سياسى غەرىزىنىڭ ختايپەرەس شەخسلەر ئارقىلىق ئاشكارا تەشۋىق قىلىشنى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي: «تۇنجى قېتىم ئاتالمىش« شنجاڭ»نىڭ ئىككى ئومۇمى يېغىنىغا چەتئەللىكلەرنى قاتناشتۇردۇق»،ساختلىقى قەيەردە؟

شە فېۋرال 3 , 2024
2-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن مۇددىتى تۆت كۈن؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بولۇپ، ختاينىڭ بىلدۈرىشچە، […]
شنجاڭ ئىككى ئومۇمى يېغىن

You May Like