ئاددى ئىش ئورنىدىن قولغا كەلگەن ئاددى بولمىغان نەتىجىلەر

2018- يىلى 7- ئايغا قەدەر ھىسەنجان ئۇستام ئۆزىنىڭ سەيپۇڭچىلىق ھۈنۈرىگە تايىنىپ نەدە ئىش بولسا شۇ يەردە كۈنلۈك، ئايلىق ئىشلىگەن، بەزى ئورۇنلاردىن مائاشىنى ئالالمىغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-27

 

تەييارلىغۇچى :خەدىچە

 

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ھەسەنجان ئىسلام ئۇستام 2016- يىلى 2-ئاينىڭ 26- كۈنى ئىستانبۇلغا ئائىلىسى بىلەن كەلگەن. ئىككى قىزى ۋە بىر ئوغلى بار.
ئىككى قىزى ئىستانبۇلغا بىر ئاي بۇرۇن كەلگەن بولۇپ، ۋەزىيەتنى بىلمەسلىكتىن، كېلىپلا ئون بەش كۈن ئىچىدە ئىقامەتكە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۈچرەت ئالمىغانلىق سەۋەپ باشقا دۆلەتكە چىقىپ كىرىشكە مەجبۇر بولغان، ھەسەنجان ئۇستام كەلگەندىن كېيىن قىزلارنى يەنە باشقا دۆلەتكە يالغۇز يولغا سېلىشنى ئەپسىز كۆرۈپ ئائىلىسى بويىچە مىسىرغا بارغان. ئۇ يەردە 34 كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلگەن.
ئالدى كەينى سەپەر قىلىش ۋە مىسىردا تۇرۇش جەريانلىرىدا ئىقتىسادى ئۈزۈلۈپ قالغان شۇ سەۋەپلىك ئىستانبۇلغا قايتىپ كېلىپ ھەسەنجان ئۇستام ئوغلى بىلەن بىر مەدرىستە، ئايالى بىر تونۇشلىرىنىڭ ئۆيىدە، قىزلىرى دوستلىرىنىڭ يېنىدا يېتىپ ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندە مۇۋاپىق كىرالىق ئۆي تاپقان.

 

 


2018- يىلى 7- ئايغا قەدەر ھىسەنجان ئۇستام ئۆزىنىڭ سەيپۇڭچىلىق ھۈنۈرىگە تايىنىپ نەدە ئىش بولسا شۇ يەردە كۈنلۈك، ئايلىق ئىشلىگەن، بەزى ئورۇنلاردىن مائاشىنى ئالالمىغان. بۇنداق ئىشلەپ بىر ئائىلىنى قامداشقا كۆزى يەتمىگەن ھەسەنجان ئوستام ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ياراتماي، باشقىلارغا ئىشلەپ ھەم ئائىلىنى باققىلى ھەم كەسپتە تەرەققى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھازىر ئېچىۋاتقان سەيپۇڭچىلىق ئورنىنىڭ يەر ئاستىنى 1000 لراغا كىراغا ئالغان.
ئۈچ دانە ئىككىنچى قول ماشىنا بىلەن بۇ يەرنى ماڭدۇرغان. ماڭدۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە ئوخشاش جاپاغا چىدايدىغان ئۈچ تۆت ئائىلىكنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان. يەر.استى سوغۇق، زەي بولغاچ ئاياللار بۇ يەردە ئىشلىسە كېسەلچان بولۇپ كېتەتتى شۇڭا ئىشنى كېسىپ ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بەرگەن، مەسىلەن بىر دانە كۆڭلەك دەيلى، يەڭنى بىرىگە، ياقىنى بىرىگە، يانجۇق ياساشنى بىرىگە بېرىپ ئەڭ ئاخىرىدا چاتىدىغان ئىشنى ئۆزى قىلغان.
مۇشۇنداق بولغاندا ئىش قىلغۇچىلارمۇ داۋاملىق بىرلا ئىشنى قىلىپ قولى كۈنۈپ چاققانلىشىدۇ ھە سۈپەتلىك تىكىدۇ، كىرىممۇ ياخشى بولىدۇ. ھەسەنجان ئۇستام ئېرىنمەي ئۆيىگىچە ئاپىرىپ بېرىپ ئەكىلىۋېلىپ ئۇلارنى قوللىغان، ئىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان.
ئۆزى يەنە بىر ھەپتىگە ئىككى قېتىم بازارغا چىقىپ يايما يېيىپ كىيىم ساتقان ( ئىستانبۇلدا ھەر كۈندە ھەر بىر رايۇندا بازار بولىدۇ. ئىستىمالغا ئائىت ھەممە نەرسە سېتىلىدۇ).
كېچە- كۈندۈز ئىشلەش، بازارنى قولدىن بەرمەي يېڭى مەھسولات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ خېرىدار جەلپ قىلىش جەريانىدا بەلگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرغان، خىللاشتۇرغان.

 

مەسىلەن؛ بىر قېتىمدىلا كۆپ ئىش كېسەلايدىغان توك قايچىسى، ئىلاستىكىلىقى كۈچلۈك رەختلەرنى بىر قېتىمدىلا ھەم تۇرلاپ ھەم تىكىپ چىقىرىغان ماشىنا…… دىگەندەكلەر.
2019- يىلى 7- ئايدا ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان يەر ئاستى ئۆينىڭ ئۈستىدىكى قەۋىتىنى يۇقۇرى پۇلغا ئۆتكۈزىۋالغان، مەقسەت يەر ئاستىدىن ئۈستى قۇرغاق ۋە راھەترەك بولغاچقا ئاياللارغا ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىش. چۈنكى بەزى ئاياللارنىڭ ئۆيىدە كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە تورلاش ماشىنىسى يۇق ئۇلار بۇ تىكىمچىلىك ئورنىغا كەلسە ئۈسكۈنىلەر تۇلۇق، شۇڭا ئازراق ھۈنىرى ۋە چىدامچانلىقى بارلىكى ئايال بولسا ھەر زامان ئىش تەييار، ھۈنۈرى يوقلارغا ھۈنەرنى ھەم ئۈگۈتىپ قويغان. مەن ھەر قېتىم كىرگىنىمدە ھەسەنجان ئۇستامنىڭ ئېرىمنەي، زېرىكمەي، تېرىكمەي باشقىلارغا ئىش ئۈگۈتىۋاتقان، ماشىنا رىمونت قىلىۋاتقان، ئۇلارنى رىغبەتلەندۇرىۋاتقان ھالىتىنى كۆرىمەن.
باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلىگەن ئادەم ھەم مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ھازىر خېلى ئىلغار ئۈسكۈنىلىرى بار. ئۈسكۈنە ئىلغار بولسا كىيىم سۈپەتلىك بولىدۇ ھەم ۋاقىتنى ئۇتقىلى بولىدۇ. ھەرقانداق ئىشلەيمەن دىگەن ئەر ياكى ئايالغا ھەر زامان ئىش تەييار. ئەرلەر ئاستىنقى قەۋەتتە ئاياللار ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئىش قىلىدۇ.
ئورنىمۇ ھەم مەھەللە ئىچى بولغاچ كىيىم ئوڭشىتىدىغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك خېرىدارلارنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. دىمەك ھەسەنجان ئۇستام بۇ ئاددى ئىش ئورنىدا ئاددى بولمىغان نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.
بۇ نوقۇل ھالدىكى پۇل تېپىشلا ئەمەس، قېرىنداشلىرىغا ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىش، ئىش ئۈگۈتۈش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتە ئۈلگە بولۇش، قوللاش قاتارلىقلار.
مەن ھەر قېتىم بۇ يەرگە كىرگىنىمدە ئۇيغۇرۇمدا بار بولغان ئازادە كەيپىيات، ئىش قىزغىنلىقى، قېرىنداشلىق مۇھاببەتلەردىن ھوزۇر ئالىمەن، بىلىدىغانلىرىمنى ئولار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.
ئىستانبۇلدا شۇنداق مېھىرلىك بىر ئورۇن بار: ئۇ بولسىمۇ ئۇچۇق- يۇرۇق، مەرت مىجەزلىك ھەسەنجان ئۇستام ياراتقان كارخانا ئورنى.
ئەر كىشىگە يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئاز. ھۈنەر قىلساڭ، ئۈنەرسەن. دەپتىكەن بوۋىلىرىمىز. مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ھۈنىرى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ياشاتقانلارنى…… ئاخىرىدا تىجارىتىگە بەركەت، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي، روسىيە ۋە ئىران تۆت كۈنلۈك دېڭىز ئۈستى مانېۋېرى ئۆتكۈزمەكچى

شە دېكابىر 28 , 2019
28-چىسلا خىتاي، روسىيە ۋە ئىران 4كۈنلۈك دېڭىز ئۈستى مانېۋىرىنى باشلىدى. خىتاي خەۋەر توربەتلىرىدە "دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيسى تارىختا مىسلىز دېڭىز ئۈستى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈمەكچى" دەپ خەۋەر تارقاتتى

You May Like