خام خىيال قىلماڭلار، ھەممەيلەن جىنايەتچى

يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ساقچى ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇش بۇيۇرقى چىقىرىلغان. بۇ قاتتىق بىر سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ. مەن بۇ سىلكىنىشنىڭ بىر گۇۋاھلىق دولقۇنى، ئەمەلىي ھەرىكەت، داۋا قىزغىنلىقى قوزغىشىنى ئارمان قىلىمەن.

 خام خىيال قىلماڭلار، ھەممەيلەن جىنايەتچى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

يېڭىدىن ئاشكارىلانغان ساقچى ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇش بۇيۇرقى چىقىرىلغان. بۇ قاتتىق بىر سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ. مەن بۇ سىلكىنىشنىڭ بىر گۇۋاھلىق دولقۇنى، ئەمەلىي ھەرىكەت، داۋا قىزغىنلىقى قوزغىشىنى ئارمان قىلىمەن. 

 مەن رەسىملەر تارقىتىلغاندا «سىزنىڭ رەسىمدىكى تۇتقۇنلارنى تونۇيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، گۇۋاھلىق بەرمەيدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمەن، ئەمما رەسۋا قىلمايمەن» دېدىم. راست شۇنداق، مەن بىلىمەن، چۈنكى ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە سىزنىڭ قايسى دۆلەتتە قاچقۇن جىنايەتچى سۈپىتىدە ياشاۋاتقانلىقىڭىز يېزىلغان.

 ھۆججەتتە دېيىلىشىچە چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ج خ ئىدارەسى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتى چىقارغان. بۇيرۇق 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چىقىرىلغان. بۇيرۇق چىقىرىلغان تىزىملىكنىڭ ئىسمى:

境外新疆籍涉分裂暴恐人员花名册

تىزىملىكنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق شىنجاڭلىق تېرورچى ۋە بۆلگۈنچىلەر تىزىملىكى. تىزىملىكتە قاچقۇن جىنايەتچىلەر تۇرۇۋاتقان دۆلەت، ئۇلارنىڭ ئىسم-ئاتىسى، ئادرېس، كىملىك نومۇرى، پاسپورت نومۇرى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتى، تۇتۇپ كېلىنگەن ياكى تۇتۇپ كېلىنمىگەنلىكى يېزىلغان، ھەتتا ئالاھىدە قىلىپ، «چىگرادىن مۇداپىئە قىسىملىرى تۇتقۇن قىلىدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان. بەزىلەرنىڭ ئىسمى قىزىل بويالغان. سەۋەبى نېمە بىلمىدىم. تۆۋەندە مەن بۇ تىزىملىكتىن كوناشەھەر ناھىيەسىنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

«چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق بۆلگۈنچى ۋە تېرورچىلار تىزىملىكى» دېگەن ھۆججەتتىن قارىغاندا كوناشەھەر ناھىيەسىدىن چەتئەللەردە قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى 159 بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيەدە، ئاندىن ياپۇنىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئىتالىيە، شىۋىتسىيە، كانادا قاتارلىق ئەللەردە ياشايدۇ. ھۆججەتتە ئۇلارنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى مۇنداق تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، ئامېرىكادا ياشايدىغان ت. يۈسۈپ ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇش بۇيرۇق نومۇرى مانا مۇشۇنداق. T6531210700002017101072. تىزىملىكتىن قارىغاندا خىتاي چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەرنىمۇ ئىتىراپ قىلمىسا كېرەك. قارىسام بەزىلەر ئېنىق خىتيا پۇقراسى ئەمەس، چۈنكى مەن ئۇلارنى تونۇيمەن، ئەمما ئۇلار تىزىملىكتە بار ئ‍ىكەن. مەنمۇ شۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىن، شۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان.

مېنىڭ جىيەن قىزىم مىھرىئايمۇ شۇ قېچىپ يۈرگەن تېرورچى ۋە بۆلگۈنچى تىزىملىكىدە بار ئىكەن.  مىھرىئاي 2019-يىلى 18-ئىيۇن كۈنى خىتايغا قايتقان ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتقۇن قىلىنىش جەريانىدا ھۇشىدىن كېتىپ، ياتاقتا يېتىپ قالغان بولسىمۇ بىر ئايال ساقچى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى كوناشەھەر ناھىيەسىدىن كېلىپ، دوختۇرنىڭ ئىمزاسىنىمۇ ئالماستىن ئايرۇپىلان بىلىتىنى ئۆزىگە ئالدۇرۇپ تۇتۇپ كەتكەن.2020-يىلى20-دېكابىر كۈنى مىھرىئاي قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا ئۆلتۈرۈلدى.

توغرا، سىز قاماقتا قىينىۋاتقان تونۇيدىغان كىشىلەرگە، يېقىن يورۇقلىرىڭىزغا ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن گۇۋاھلىق بەرمەيسىز. توغرا، نەچچە مىڭ يۇرتلىقىڭىز ئىچىدىن سىز تونۇيدىغان ھىچكىم چىقمىدى، يوق! شۇڭا سۈكۈت قىلىسىز، ئەمما سىزنى خىتاي تونۇيدۇ، جىنايەتچى دەپ تونۇيدۇ. سىز ئامېرىكىغا بېرىۋالسىڭىزمۇ، بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىۋالسىڭىزمۇ بىكار، خىتاي سىزنى تېرورچى، دەپ تونۇيدۇ.

سىز شۇنچە كۆپ رەسىم، تۈمەنلىگەن ئىسىمدىن ھىچ بىرىنى بىلمەيسىز، ئەمما خىتاي سىزنىڭ تۇرۇۋاتقان يېرىڭىزدىكى ئادرېسىڭىز، تېلىفون نومۇرىڭىزغىچە بىلىدۇ. قانداق دەمسىز، ۋەتەندىكى بىچارەلەر سىز ھەققىدە ھەممىنى دەپ بېرىشكە مەجبۇر، تىزىملىككە شۇنداق خاتىرىلەنگەن. سىزنى خىتايغا سۈكۈت قىلىپ ئۆلۈپ بەرسىڭىزمۇ، يىراقتىن ساداقەت بىلدۈرۈپ كۈندە بەش ۋاق ئىقتىدا قىلسىڭىزمۇ سىزنى تېرورچى دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.

 سىز تۇتقۇنلارنى تونۇمايسىز، بىلمەيسىز، ئەمما قولۇمىزدىكى تۈمەنلىگەن كىشىنىڭ تىزىملىكى سىزنىڭ كىمنىڭ بالىسى، كىمنىڭ نەۋەر سىڭلىسى ئىكەنلىكىڭىزگە قەدەر دەپ بېرىدۇ. بىز بىلىمىز، سىزنىڭ پاسپورت نومۇرىڭىز، ئادرېسىڭىزلا ئەمەس، سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ ئەۋلات كىشىنىڭ ئەھۋالى تەپسىلى خاتىرلەنگەن جەدىۋەل قولىمىزدا. مىڭ ئەپسۇسكى، سىز بىلمەيمەن، دەپ بىزنىڭ ئالدىمىزدا يالغانچى، خىتاينىڭ ئالدىدا تېرورچى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قارا يۈز مەلئۇن بولىسىز!

سىز ۋەتەندىكى تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلارنىڭ ھچ بىرىنى تونىمايسىز، ئەمما ئۇلار سىز سەۋەپلىك تۇتۇلۇپ بولدى. تۇتقۇنلارنىڭ ئاشكارلانغان سوراق خاتىرەسىدىن قارىغاندا بىرىنچى سوراق «سېنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇق تۇغقان، تونۇش بىلىشىڭ بارمۇ؟ چەتئەل بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئالاقە قىلدىڭمۇ» دەپ باشلىنىدىكەن.

سىز ۋەتەندە قالغان يۈرەك باغرىڭىزنى تونىمايسى، ئەمما ئۇلار ئەگەر سىرىتتا بولسا ھەپتىدە بىر كۈن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ھەققىدە ساقچىغا مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر. سىزنىڭ راھەتلىك ھەر بىر كۈنىڭىز ۋەتەندىكى دوزاقتا ئۆرتىنىۋاتقان جان جىگەرلىرىڭىزنىڭ تۆلەۋاتقان بەدەللىرىگە كەلگەن.

مۇستەقىللىق ھەققىدە يىللاپ پو ئېتىپ ئۆزىنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەن ئايالى، سىڭلىسى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدىغان پوچىلار جىنايەتچى، سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىياپىتىدە پاناھلىق تەلەپ ئاتا ئانىسى بىلەن كارى يوق يوشۇرنۇپ ياشاۋاتقانلار جىنايەتچى، خىتاي جىنايەتچى تىزىملىكىگە تىزىپ قويسىمۇ، «ھەي تاجاۋۇزچى مەلئۇن، مەن جىنايەتچى ئەمەس، سەن جىنايەتچى» دېيەلمىگەن قورقۇنچاقلار، خىتاينىڭ چاپانچىلىرى، ئاقلىغۇچىلار جىنايەتچى‌.

 سىزنى چاقمىغان، سىز چەتئەلدە بولغاچقا چېقىلالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى سىز تەلەپ قىلغانغا، كېچە ئۇخلىماي ئەمەلسىز دۇئا تىلاۋەت قىلغانغا دۇنيادا جىنايەتچى ئاتىلىپ سوتقا تارتىلمايدۇ.

خىتاينى 3 مىليۇندىن ئارتۇق ئىنساننى تۇتقۇن قىلغان جىنايەتچى دېيىش ئۈچۈن 3 مىڭ كىشى مەيدانغا تۇتۇلغانلارنىڭ رەسىملەرىنى كۆتۈرۈپ چىقالىشى كېرەك. جىنايەتچىنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان گۇۋاھچى كېرەك. ئەگەر سىز خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلماي يوشۇرۇشنى قانچە ئۇزۇن داۋام قىلسىڭىز جىنايەتچى خىتاي قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قېنىنى شوراپ شۇنچە ئۇزۇن ياشايدۇ.

سىز ھامان جىنايەتچى، مەنمۇ، ئۇمۇ، ھەممەيلەنگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. سىز چەتئەلدە خىتاينى جىنايەتچى دېيىشتىن قورقۇپ، جىنايەتچى خىتاينى قوغداپ ياشىسىڭىزمۇ خىتاينىڭ تىزىملىكىدە تېروچى، بۆلگۈنچى جىنايەتچى بولۇپ بولدىڭىز، ئەمدى خام خىيال قىلماڭ! سىز چاپان يېپىۋاتقان خىتايغا كېتەلمەيسىز.

سىز مۇھاجىرەتتە ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزغا، دوست يارانلىرىڭىزغا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئىگە بولماي، ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا جاۋاب بەرمەي سۈكۈتتە تۇرسىڭىز، يا ئۆزىڭىزگە، يا ئۇيغۇرلۇققا، يا ۋەتەندە قالغان قېرىنداشلارغا، يا ئاللاھقا يۈز كېلەلمەيدىغان، ۋىجدان سوتىدا كېسىلگەن مەڭگۈلۈك جىنايەتچى، ساقايماس روھى كېسەل بولۇپ ئازاپتا ئۆزىڭىزنىڭ گۆشىنى ئۆزىڭىز يەپ ياشايسىز.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

ئافغانىستاندا 5.9 بال يەر تەۋرەپ كەم دېگەندە 1000 ئادەم قازا قىلدى ، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى

چا ئىيۇن 22 , 2022
ئافغانىستاندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى خوست شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 44 كىلومىتىر كېلىدىغان پاكىستان چېگراسىدا ئېغىر يەر تەۋرىگەن.

You May Like