«مۈشۈكنى ھارۋىغا قوشساڭ، كاڭغا سۆرەيدۇ.»
– قۇمۇل خەلق ماقاللىرىدىن
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىدىن تەييارلىغۇچى: ئەردەم
ئىنسانشۇناسلىق بىلەن جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ كىيىنكى نەتىجىلىرىدىن بىرى مىللەتلەرنى «ئېتنىك مەنىدىكى مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت»، «سىياسىي مىللەت»دىگەن ئۈچ كاتېگورىيەگە ئاجرىتىش بولدى. ئۇلارنىڭ بۇ كاتېگورىيەلىرى ۋە ئۇنىڭغا مىسال كەلتۈرگەن مىللەتلىرى ھەققىدە بۇ يەردە توختىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما، شۇنىسى روشەنكى، مىللىتىمىز پارلاق مەدەنىيەت «ئەلئىھمراملىرى»نىڭ بىناكارلىرى بولۇشى بىلەن بىللە، ھازىرقى «ئىېنىك مەنىدىكى مىللەت»لىك كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ چىققىنى يوق. ئۇلار چەتئەللەرگە تارقىلىپ كىتىشنى خالايدۇكى، يەھۇدىيلاردەك چەتئەللەردىن كىلىپ توپلىنىشنى خالىمايدۇ. ئۇلاردا بىر ئېتنىك–تەبىئىي مىللەتكە خاس پۈتۈن ئالامەت، مەدەنىيەت ۋە ئەۋزەل سەنئەت، مىللىي ئادەتلەر تولۇق. ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرى ۋە ئىللەتلىرى، ئالىم ۋە شائىرلىرى، سەركە ۋە جامائىتى تۈگۈل ھەتتا ئىپتىخار- نۇمۇس، مۇھەببەت- نەپرەت، باھا- پاراڭ جۇغلانمىلىرىمۇ ئۆز كاتىگورىيەسىگە لايىق. ئۇلار قۇم- بوران ۋە سۇ ئاپىتى بىلەن ئوقۇش ۋە خىزمەت سالاھىيىتىدىن يۈزەكزادە بولۇپ، مول ھوسۇل ياكى توي- تۆكۈندىن مەشرەپ قۇرۇپ كىلىشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ يۇرت كاتتىلىرىمۇ سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ ئىككىلەمچى نەرسىنى، مۇقامدىن ئىبارەت بۇ «دەستىسى ساتاردا، بەستىسى ئەيتاردا»بولغان ئىككىنجى زۆرۈرىيەتنى خەلقنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ، بىر- بىرىدىن بەكرەك سۆرەن سېلىشتى. مەن ئۈستىگە مال- يۈكتىن ئىبارەت «توقام»سېلىنغان تۆگىدە ئولتۇرۇپ قەدىمكى «يىپەك يولى»دا مۇقام ئويناپ كىلىۋاتقان بەش سەنئەتچى تەسۋىرلەنگەن رەڭلىك ساپال ھەيكەلنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم. ئۇلار ئاڭسىز بولسىمۇ، تارىخىي ماتىرىيالىزىمغا ئەمەل قىلىپ، «توقام»بىلەن «مۇقام»نى تەڭ تۇتقان، «توقام»نى ئاستىغا باسۇرۇپ، بەرپاپ تارىسىغا ناخۇن سوققانىكەن. بىزچۇ؟
گۆدەكلىكىمدە مەنمۇ سەنئەتخۇمار بولۇپ قالدىم. ماڭا تەسىر قىلغىنى، ئالمائاتادىن كىرگەن ئوقۇش كىتابلىرىدا تىلشۇناس ۋە ئەدىبلەرنىلا شۆھرەتلىك ئالىملىرىمىز دەپ تونۇشتۇرغانلىقى، بىزدە ھىكمەت ۋە تەبىئىي پەن ئالىملىرى ھەققىدە خەۋەرسىزلىك ھۆكۈم سۈرگەنلىكى ئىدى. ئەكسىچە، مەنمۇ يىڭى زامان «ئەدەبىيات»ۋە «ئالماناخ»لىرىدىن ئەمەس، ھىسسىياتقا باي خەلق قېىنى، تۇرمۇش رىڭى، تەسەۋۋۇر يالقۇنى بىلەن كونا شېئىرىي دىۋانلار تەسىرىدە كىلىنكىلىرىمدىكى شېئىرىي ئىرسىي ئامىللارنى چاقماق قىلىپ، قەلىب چېقىنداقلىرى چېقىشقا مايىل بولدۇم.
………………………………………
مەن شائىرلارنىڭ مۇتەپەككۇر بولۇشىنى ۋە بۇ ساھەگە قىزىقۇچىلارنىڭ كەمرەك بولۇشىنى، ئالىي ماقاملىق كەسپىي شائىرلاردىن باشقىلارنىڭ پەلسەپە، قانۇن، ئىقتىساد، تەبىئىي پەن، تىباببەت، ماشىناسازلىق، تېخنىكا پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئاساسىي ئىقتىدار ۋە تۆھپىكارلىق ئورنىغا قويۇشىنى، رەڭلىك شار قويۇۋىتىش ۋە ساليون زەمبىرىكى ئېتىشنى ئاساس قىلىۋالغان مەيخانا ئىشىكىدىكى قىزىل كاستىيوملۇق «خۇش كەلدى جانان»بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن رىقابەت ياكى ھەسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلققە، خەلقنىڭ كۈچ- قۇدرىتى بولغان مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا، مەسئۇلىيەت بىلەن شائىر ۋە ئەدىبلەرنىڭ«ئاز»ۋە «ساز»بولۇشىنى ئېغىزغا ئالدىم. چۈنكى بىز شېئىر مۇسابىقىسىگە دۇچ كىلىۋاتقىنىمىز يوق.
مەنبە: ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرى (1)
1-باب: ئىنسان ۋە ئىنسانىيەت،
- ھىسسىياتخۇمار مىللەت
12-بەت- 19-بەت
2000- يىلى نەشىرى