ئابدۇرىھىم غىنى ئالدىراش!

ئابدۇرىھىم غىنى يىقىندىن بۇيان ئالدىراش! ئۇ ئون ئايدىن بىرى ھەر شەنبە، يەكشەنبە دىگۈدەك سۇست شەھرىدىكى ئۆيىدىن ماشىنا بىلەن بىر سائەت يىراقلىقتىكى ئامىستىردام مەركىزى مەيدانىغا بىرىپ، كۈن بويى نامايىش قىلىدۇ. 10 ئايدىن بىرى قىشمۇ- ياز، قار- يامغۇر دىمەستىن ئادەملەر زىچ توپلاشقان ئامىستىردام دام مەيدانىدا ئۇيغۇرنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

   

     ئابدۇرىھىم غىنى يىقىندىن بۇيان ئالدىراش! ئۇ ئون ئايدىن بىرى ھەر شەنبە، يەكشەنبە دىگۈدەك سۇست شەھرىدىكى ئۆيىدىن ماشىنا بىلەن بىر سائەت يىراقلىقتىكى ئامىستىردام مەركىزى مەيدانىغا بىرىپ، كۈن بويى نامايىش قىلىدۇ. 10 ئايدىن بىرى قىشمۇ- ياز، قار- يامغۇر دىمەستىن ئادەملەر زىچ توپلاشقان ئامىستىردام دام مەيدانىدا ئۇيغۇرنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

     ئابدۇرىھىم غىنى بۇ بىر يىلدىن بىرى يالغۇز ئامىستىردام مەيدانىدىلا نامايىش قىلماستىن،  ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى  تۈرك جامائىتىدىمۇ تەشۋىقاتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇردى. بىر نەچچە قىتىم مەسجىلەردە تەكلىپ بىلەن ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئەرەب خەۋەر قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئابدۇرىھىم غىنىنىڭ ئىش- ئىزلىرى ئىنگىلىزچە، گوللاندچە گىزىت خەۋەرلىرىدىمۇ ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرىمۇ يىقىندىن قوللاپ، قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى.

    گوللاندىيەدە قەھرىتان قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرى ئاياغلىشىپ، ئەمدىلا باھار كىلىۋىدى، ئابدۇرىھىم غىنىنىڭ تەشۋىقاتىمۇ قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. 19- ئاپرىل جۈمە كۈنى، ئابدۇرىھىم غىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىن ئىككى سائەتلىك يىراقلىقتىكى ئارنىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فەستىۋالىغا تەكلىپ بىلەن بىرىپ، زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە لاگىر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

20،21- ئاپرىل، ئۇ يەنە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مىللىي يىمەك- ئىچمەك يەرمەنكىسىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتىگە كىتاب خەزىنىسىنى ئىچىپ، ئانا تىل شەيدالىرى، بىلىم مەستانىلىرى ئۈچۈن رەستە ھازىرلىدى.

22- ئاپرىل كۈنى، ئابدۇرىھىم غىنى تۇرۇشلۇق سۇست شەھرىدىكى تۈرك جامائىتى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ئۇنىڭ 10 ئايدىن بىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى قوللاش ئۈچۈن ۋىلسىپىتلىك يۈرۈشكە ئاتلاندى. 20گە يىقىن ئەر- ئايال تۈرك قىرىنداشلار 42 كىلومىتىر يولنى ۋىلسىپىتتە يۈرىدۇ، بۇ مۇساپىگە كەم دىگەندە 3 سائەت ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن. ئۇلار يولنىڭ جاپالىق، ھاۋانىڭ ئىسسىق ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، بۇ مۇبارەك يۈرۈشكە ئاتلاندى. شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن يەكتەك كىيگەن تۈرك قىرىنداشلار چۈشتىن كىيىن ئامىستىردام شەھرىگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن، ئابدۇرىھىم غىنى بىلەن بىرگە دام مەيدانىدا نامايىش قىلىپ، تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتتى، مۇخبىرلارغا سۆزلىدى، زىيارەتچىلەرگە ھەرخىل تىللاردا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە خىتاي زۇلۇمىنى چۈشەندۈردى. ئابدۇرىھىم غىنىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشى بۈگۈن بۆلەكچە دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، توپ – توپ كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نىداسى ئاڭلىتىلدى.

 

ئابدۇرىھىم غىنىنىڭ 10 ئايدىن بىرى تارتقان مۇشەققەتلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قارىغاي كەبى مەزمۇت تۇرۇپ يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يۈكسەك ئىھتىرام بىلدۈرىمەن!

      سىز نامايىشنى يالغۇز قىلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ھەرگىز يالغۇز ئەمەسسىز!

2019-4-22

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتايلار سىرىلانكىدىكى تىرورلۇق ۋەقەسى ئارقىلىق، ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.  

چا ئاپرېل 24 , 2019
سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

You May Like