ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ تۇغقانلىرى توغرىسىدا خىتاينىڭ جاۋابى

29- سىنتەبىر، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئابدۇرىھىم غېنى ئائىلىسى توغرۇلۇق بىر شۇم خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. بىر يىل ئاۋۋال، گوللاندىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئابدۇرىھىمنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر تەلەپ قىلغان بولۇپ، تۈنۈگۈن ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاب خەت كەلگەن.

ئەردەم

 

2020-9-30

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

29- سىنتەبىر، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئابدۇرىھىم غېنى ئائىلىسى توغرۇلۇق بىر شۇم خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. بىر يىل ئاۋۋال، گوللاندىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئابدۇرىھىمنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر تەلەپ قىلغان بولۇپ، تۈنۈگۈن ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاب خەت كەلگەن.

 

خەتتە دېيىشىلىشىچە، ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ ئائىلىدىسىكىلەردىن بىر قىسىم تۇغقانلار كەم دىگەندە ئۈچ يىلدىن 16.5 يىلغىچە تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ كۆرسەتكەن باھانىلىرى ئاساسلىقى «جەمئ‍ىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن، توپلىشىپ ئىش تېرىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلغان، ئىرقىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان.» دىگەندەك بولغان.

 

خىتاينىڭ جاۋاب خىتىغا كۆرە:«

 

ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ چوڭ ئاكىسى 2017- يىلى 8- ئايدا ئابلىكىم غېنى 5 يىل 6 ئايلىق، ئابلىكىمنىڭ چوڭ قىزى پاتىمە 2019- يىلى 3- ئايدا 6 يىرىم يىللىق، ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ كىچىك ئاكىسى مىجىت غېنى 2018- يىلى 5- ئايدا 16 يىرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

 

2019- يىلى 5- ئايدا، ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ ئايالىنىڭ ئۇكىسى تۇرغۇن مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن 16 يىل 6 ئاي كېسىلگەن، كىچىك ئىنىسى ئادىل خەمىت ئۈچ يىل كىسىلگەن.

 

ئانىسى توختىخان بەكرى 2014- يىلى 9- ئايدا كېسەللىك بىلەن ۋاپات بولغان بولۇپ، قالغان ئۇرۇق- تۇغقانلىرى نورمال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ.» دېيىلگەن.

 

ئېنىقكى، خىتاينىڭ تىنچ- ئامانلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلغان، توپلىشىپ نامايىش قىلىپ ئىش تېرىغان كىشى ئابدۇرىھىم غېنى! بىراق چىدىماس خىتايلار ئابدۇرىھىم غېنى ئورنىغا ئۇنىڭ ئاكىللىرى ۋە سىڭىللىرىنى جازالىماقتا!

 

ئابدۇرىھىم غېنى ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ئىستىخباراتى ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ 6 يىلدىن بىرى ئالاقە قىلالمىغان ئۇكىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدۇرغان. بۇ توغرىلىق خەۋەر گوللاندىيە گېزىتىدىمۇ ئ‍ېلان قىلىنغان.

 

ئابدۇرىھىم غېنى گوللاندچە خەۋەردە: «مېنىڭ ئائىلەمگە قارىتىلغان بۇ كۈلكىلىك گۇمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش، بارلىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئىگىلىۋالغانلىقىنى باھانە قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. خىتاي شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇ ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن، ئۇ سادىر قىلغان پەسكەش جىنايەتلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.

 

ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن مۇسبەتلەر ئۈچۈن قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز! ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ ئىگىلمەس، سۇنماس ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز!

 

 

 

https://dekanttekening.nl/nieuws/oeigoer-in-nederland-hoort-eindelijk-over-zijn-familie-in-china-ben-kapot/?fbclid=IwAR3Gh0hkpd15_FwxdS60bXRKCzNCmzeh-OAqlJ6JE5cmvhEKrMlYmWlos2Y

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

گوللاندىيە ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۈچ چوڭ قارار ئالدى

چا سېنتەبىر 30 , 2020
30- سىنتەبىر، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ناھايىتى بىر نەچچە چوڭ قەدەم ئالدى.

You May Like