ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق مۇئەللىم گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋىرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتىتى پىروففىسورى ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-5-20

    تۈركىيە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋىرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتىتى پىروففىسورى ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن ئىدى. پىروففىسور ئابدۇرەشىد قارلۇق 17- ماي مائارىپ جەمىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇيغۇر جامائىتى،  تۈركىيە باش كونسۇلى، دىيانەت ۋەقپى، مىللىي گۆرۈش ۋە باشقا تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان، 350 كىشىلىك ئىپتارلىق كاتتا زىياپەتتە 30مىنۇتچە لىكسىيە سۆزلىدى. ئابدۇرەشىد مۇئەللىمنىڭ  خىتاي – تۈرك دۇنياسى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا  سۆزلىگەن كەسكىن، ئۆتكۈر لىكسىيەسى ۋەتەنداشلارلا ئەمەس، تۈرك تەشكىلات رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. دەسلەپتە خىتايغا مۆتىدىل پوزىتسىيەدە بولغان بىر قىسىم تۈركىيە تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىپتاردىن كىيىن خىجالىتىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا يىقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 18- ماي چۈشتە، ئابدۇرەشىد مۇئەللىم، مائارىپ جەمىيىتى رەئىسى ئابدۇراھمان قارىملار گوللاندىيە زەيىست شەھرىدىن ئامىستىردام شەھرىگە بىرىپ، 11 ئايدىن بىرى يالغۇز كىشىلىك نامايىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان پىداكار يىگىت ئابدۇرىھىم غىنىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ نامايىشتا ئۆزىمۇ بىرگە زىيارەتچىلەرگە ۋەتەن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت  كىشلىك ھوقۇق ئورگىنىغا سۇنۇلىدىغان جەدۋەل، رەخىتلەرگە ئىمزا قويۇپ، ۋىدىيولۇق سۆزلەپ بارلىق ۋەتەنداشلارنى بۇ ھەرىكەتنى قوللاش ۋە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى. ئابدۇرىھىم غىنى ئابدۇرەشىد مۇئەللىمنىڭ كىچىچە ئارام ئالمىغان ۋە روزىدار ھالەتتە بولسىمۇ، يولنى يىراق كۆرمەي نامايىش مەيدانىغا كىلىپ قوللاپ بەرگەنلىكىدىن ئالاھىدە خۇرسەنلىكىنى ئىيىتتى.

چۈشتىن كىيىن، ئابدۇرەشىد مۇئەللىم گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلارغا لىكسىيە سۆزلىدى. لىكسىيە ئۇيغۇرلار دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش،  ئۈچۈن ئاۋال مىللىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ھالدا مىللەتلىشىش، مىللەتلىشىش ئارقىلىق مىللىي دۆلەتكە ئاساس سىلىش، بۇ مىللىي دۆلەتنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن يالغۇز ئۇيغۇرغىلا تايانسا بولمايدىغانلىقى، دەۋايىمىز يالغۇز ئۇيغۇرنىڭلا دەۋاسى بولماستىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، تاجىك ۋە ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق سانايدىغان، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان بارلىق قەۋىملەر، بولۇپمۇ خوشنا تۈرك قىرىنداشلار، مۇسۇلمانلارنى بۇ دەۋاغا قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئىدىيەرىمىز، كۆڭلىمىز، ئۆيىمىز، سۆز- ھەرىكەت، تىل- يىزىقىمىزدىكى خىتاي ئاسارەتلىرىنى پاكىزە يوقىتىشىمىز كىرەكلىكىنى، قەلىب تازىلانماي تۇرۇپ ۋەتەن تازىلانمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى.  سائەت 5:30 بىلەن باشلانغان بۇ لىكسىيە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تاكى ئىپتار ۋاقتىغىچە داۋاملاشتى. ئىپتاردىن كىيىن جامائەت يەنىلا كىتىشكە كۆزى قىيماي كەچ سائەت 12 گىچە ئابدۇرەشىت مۇئەللىم ئەتراپىغا ئولۇشۇپ، قىزغىن پاراڭلاشتى. پىدائىيلار ئىكرانىدىن ئەخمەتجان پىدائىي نەقمەيدان سۆھبەتنى ئىزچىل ئۇلاپ تارقاتتى.

ئابدۇرەشىد مۇئەللىم جامائەت بىلەن بىللە خۇپتەن ۋە تاراۋاى نامازلىرىدىن پارىغ بولغاندىن كىيىن، چارچاپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا بامدادقىچە جامائەت بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن ياتىقىغا قايىتتى. گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەلىرىدىن كاللىسىدىكى نۇرغۇن چىگىش سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئالدى، مۇئەللىم بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 19- ماي كەچتە ئابدۇرەشىد مۇئەللىم تۈركىيەگە قايىتتى.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى توغرىسىدا تىۋىت يوللىدى

دۈ ماي 20 , 2019
2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى رامزان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تىۋىت يوللىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۈۋەندىكىچە:

You May Like