تەييارلىغۇچى: ئىقبال
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2018-12-07
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 28 يىلدىن بېرى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى ( كىرەم قارىم )، يىقىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شەھىت .قىلىنغان ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى كۆزىتىش جەريانىدا بۇ خەۋەرنىڭ راسىتلىقى دەلىللەنگەن
ئىشەنىچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يېقىندا مەرھۇمنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى مۇھەممەد ئەمىن ئەپەندى ئۇستاز ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىينىڭ تۇرمىدە 2017 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى شېھىت بولغانلىقىنىڭ راستلىقى، جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر لار چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى. ئۇستاز، شەھىد ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرغا قارشى جاسارىتىنى ياد ئىتىش، ئۇستازغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىقىنى نامايەن قىلىش، قىسقىسى بىر شەرقى تۈركىستان سىمىۋۇلىغا بولغان ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە ئارقا – ئارقىدىن ئۇستازنىڭ غايىپ جىنازە نامىزىنى ئوقۇدى.
تۇنجى بولۇپ 5- دىكابىر چارشەنبە شەرقى تۈركىستان مىللى مەجلىسى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈك باشچىلىقىدا تۈركىيە قەيسەريەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىخىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىدە شەھىد قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جەسۇر ئوغلانى، ئالىم ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىينىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە يەرلىكلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن مەركەز مەلىك غازى ناھىيسىدىكى ھۇنات جامىدە چارشەنبە كۈنى پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەھىدىمىزنىڭ 28 يىللىق تۈرمە ھاياتى ۋە تۈرمىدە ئۇچرىغان زۇلۇملارنى ۋە خىتاينىڭ ئۇنى تۈرمىگە سولىغان ۋاقىتتا پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم ۋە بۆلگۈنچۈلۈك جىنايىتىدىن ئۆزگە ھېچقانداق جىنايەت ئىسپاتى كۆرسەتمىگەنلىكىنى، مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ قانداق داۋا ئىكەنلىكىنى خەلقىمىزگە ھەقىقىي چۈشەندۈرگەن مەنىۋى يولباشچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
سېيت تۈمتۈرۈك ئەپەندى: ب د ت دوكىلاتلىرىدا «بىر مىليون» ئەمەلىيەتتە بولسا «بەش مىليون» غا يېقىن ئۇيغۇر جازا لاگىرىغا سولاندى ۋە خىتاي «قېرىنداش ئائىلە پىلانى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە قىزلىرىمىز قاتىل خىتايلارغا مەجبۇرىي نىكاھلاندۇرۇلۇپ «قۇل» ھالىتىگە كەلتۈرۈلدى دېدى.
بۈگۈن يەنى 7-دىكابىر جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ، ئىستانبۇلدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك خەلىقنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جۈمە نامىزىدىن كىيىن، ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ناھىيىسىگە قاراشلىق گۈلتەپە مەسچىتىدە شەھىد ئۇھتاز ئابدۇلكىرىم ئابدۇۋىلىنىڭ غايىب جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
شەرقىتۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى رەئىسى ھىدايتۇللا ئوغۇزخان شەھىت ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ كۆرەش ھاياتى، تۈرمىدىكى ئىزتىراپلىرىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى تىلغا ئىلىپ ئۆتتى. ئاخىردا شەھىت ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلى ، شۇنداقلا بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
مەنبە ؛
https://www.facebook.com/452933418863775
https://www.facebook.com/452933418863775