ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى دۆلەتلەرنى «ئۇيغۇر قىرغنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا، خىتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان يەھۇدىي ئاممىۋى ئىشلار كونسۇلى (The Jewish Concil For Public Affairs) چوڭ قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. مەركۇز تەشكىلات يەھۇدىلارنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىلەشمىسى بولۇپ، يەھۇدي تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ تەسرى زور.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 30- ئاپرېل

 

ئامېرىكا يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان يەھۇدىي ئاممىۋى ئىشلار كونسۇلى (The Jewish Concil For Public Affairs) چوڭ قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. مەركۇز تەشكىلات يەھۇدىلارنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىلەشمىسى بولۇپ، يەھۇدي تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ تەسرى زور.

 

يېقىندىن بېرى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم يەھۇدىي تاراتقۇلىرى، يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشپ، يەھۇدىيلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش، قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

 

ئەنگىلىيەدىكى يەھۇدىيلارمۇ ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق لوبىيچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

ئۇيغۇر قىرغنچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلار ئەڭ كۆپ ئاۋاز چىقارغان ۋە ھەرىكەتكە كەلگەن مىللەت بولۇپ ھسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان تەشكىلاتتىن تۆتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش، خىتاينى جازالاش تۈرىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشى ئۈچۈن توختىماي كۈچ چىقارماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

يېڭى زېلاندىيەنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېلان قىلىشى ئېزىلگەن جەمئىيەتكە ياردەم بېرىدۇ.

شە ماي 1 , 2021
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 1- ماي

You May Like