ياۋروپا- خىتاي سودا مەبلەغ كېلىشىمى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 30- ئاپرېل خەۋىرى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 30- ئاپرېل خەۋىرى

 

ئارمان

 

28- ئاپرېل ئېچىلغان ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنىدا 30دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلىپ خىتاينىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى جازاسىنى تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ياۋروپا- خىتاي مەبلەغ كېلىشىمىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە قارىتا قارشى ئاۋاز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شۇ كۈنى ئېچىلغان پارلامېنت يىغىنىدا 30دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى بايانات بېرىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنى ئىنسانىي ھوقۇقنى قۇربان قىلىپ خىتاي بىلەن سودىلاشماقچى بولغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى ئېممانۇئەل مۇرەل (Emmanuel Maurel) باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ئىش قىلماقچى بولسا چوقۇم ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىلغان جازاسىنى بىكار قىلمايدىكەن بۇ سودا كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىگە داۋاملىق قارشى تۇرىمىز. ئىگىلىنىشىچە بۇلتۇر يىل ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى تېلېۋىزور يىغىنى ئېچىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ كېلىشىم تېخى پارلامېنتتا بېلەت تاشلىنىپ قاراردىن ئۆتمىگەن.

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: بايدىن تەختكە چىققاندىن بېرى ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ خىتاي ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى شىددەت بىلەن ئاشتى.

جۈ ئاپرېل 30 , 2021
خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى باياناتچىسى ۋۇشىيەندا 29- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بېرى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرى ئوخشاش يىلدىكىدىن %20، جاسوسلۇق ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتى%40 ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،ختتاي تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ.»

You May Like