خىتاي- ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ئىران پىرىزدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

خىتاي- ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ پىرىزدېنتى لەيشى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىران پىرىزدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ : دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خىتاي – ئىران مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. 2016 – يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئىران جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داستانىنى پۈتتى. مەن خىتاي – ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پىرىزدېنت ئىبراھىم رەئىسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خىتاي – ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ئىبراھىم رەئىسى: ئىران بىلەن خىتاي ھەر ئىككىسى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى خۇددى پەلەككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخكە ئوخشاش نەچچە مىڭ يىللىق دوستلۇق ئالاقىسىدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئىران بىلەن خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا چوڭقۇر، پۇختا ئاساس سالدى. ئىران تەرەپنىڭ تىرىشىپ ئاجايىپ ئىران – خىتاي مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئىرادىسى مۇستەھكەم. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالتىنچى ئون يىلغا قەدەم قويغان پەيتتە، ئىران تەرەپ خىتاي تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىران – خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

بايدىن ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ مىليارد دوللارلىق چەتئەل مەبلەغ زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى

پە ئاۋغۇست 19 , 2021
بايدىن ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ مىليارد دوللارلىق چەتئەل مەبلەغ زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى

You May Like