ئۇيغۇر يۈرەك، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،
2-فېۋرال
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ مەنبەلەردىن تەكشۈرىشچە،
شۇ جاي ۋاقتى 27-يانۋار قىرغىزىستان پىرەزدىنتى جاپاروۋ زىيارەتكە كەلگەن ئۆزبېكىستان پىرەزدىنتى مىرزىيايېۋ بىلەن بېشكەكتەئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى خىتابنامىنى ئىمزالىدى.
بۇ ئىككى دۆلەت تۈركى خەلقلەر سستىمىسغا تەۋە بولۇپ،مۇستەقىل بولغاندىن كىين بىر–بىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانبولسمۇ،ئەمما ستىراتىگىيەلىك شرىكچىلىك يوق ئىدى.
ياپاروۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تارىختىكى يېڭى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. مىرزىيايېۋ شۇ كۈنىئىمزالانغان ئىككى تەرەپ ھۆججىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا كونكرېتمەزمۇن قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى دۆلەت–ختتاي ۋە روسيەنىڭ تەسر دائىرسدىكى قورچاق دۆلەتلەر بولۇپ،خەلقئارا دىپلوماتىيە مۇستەقىل ھالدا پائالىيەت ئىلىپ بىرشتا،ختتاي ۋە روسيەگە بېقنىدۇ.
كۆزەتكۇچىلەر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسدە چوڭ زىددىيەتلەرگە كىرىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەن دەپ قارىماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، سۆھبەتلىشىش مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد–سودا، مەبلەغ سېلىش، قاتناش،سۇچىلىق ۋە رايونلار ئارا ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سانائەت، توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە، كان ئېچىش ۋە يېزائىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭبىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىسلارغا بىرلىكتە ئۈنۈملۈك تاقابىلتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى دۆلەت پىرەزدىنتىلىرى يەنە قىرغىزىستان–ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرانى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇقتاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.