ئۇيغۇرلۇق كۈنى – دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

دوپپا بايرىمىنى قوللاپ، تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار ۋاپات بولدى. ئابدۇبەسر شۇكۇرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار خىتاي تۈرمىسدە؛

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 5- ماي

 

2009- يىلدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى 2009- يىلى ئۇيغۇر زىيالىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەڭ ۋەتەنپەرۋەر ياشلار، زىيالىيلار، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى ئامما تەرىپىدىن تەرىپىدىن بىردەك قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. مەزكۇر بايرام ئەسلىدە «ئۇيغۇرلۇق كۈنى – Uyghur Day» دەپ بېكىتىلمەكچى بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر كىملىكى ئۇيغۇر دوپپىسغا مۇجەسسەملىنىپ، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن.

 

دوپپا بايرىمىنى قوللاپ، تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار ۋاپات بولدى. ئابدۇبەسر شۇكۇرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار خىتاي تۈرمىسدە؛

 

دوپپا ئارقىلىق بىرلىك، مەدەنىيەت، سەنئەت، گۈزەللىك، مىللىيلىك نامايەندە بولىدۇ.

 

ھازىرغىچە دوپپا بايرىمى ھەققىدە ھەر خىل تىلدا 300 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان، 20 دىن ئارتۇق ناخشا ۋە ئېتوت، 10 قېتىمدىن ئارتۇق ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنى ئېچىلغان.

 

دوپپا بايرىمى كۈنى يىللىق ئىش ھەرىكەت خۇلاسە قىلىنىدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش تەۋسيە قىلىنىدىغان، ھەربىر ئۇيغۇر چوقۇم ئاز بولغاندا بىر تۈرلۈك ياخشى ئىش قىلىش تەۋسيە قىلىنىدىغان، ۋەتەننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كېيىپ تەبرىكلنىدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۇنتۇلغان تارىخى، كىملىكى، مەدەنىيتى ھەققىدە بىر كۈن بولسىمۇ چۇقان سالىدىغان، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ياشلارنى ئۆزلۈك ۋە بىرلىككە باشلايدىغان چوڭ تىپتىكى تارىخىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

دوپپا

يە ماي 9 , 2021
ئامىنە سەدەف 2021- يىلى 5- ماي

You May Like