يېڭى زېلاندىيەنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېلان قىلىشى ئېزىلگەن جەمئىيەتكە ياردەم بېرىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 1- ماي

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 1- ماي

 

يېڭى زېلاندىيە «1 خەۋەر» تورىنىڭ 30- ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) مۇنداق دېدى: «يېڭى زېلاندىيەگە ئوخشاش مۇھىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشى ئۈچۈن داۋاملىق ب د ت غا بېسىم قىلىش كېرەك.»

 

سوفى رىچاردسون بۇنداق قەدەملەرنى بېسىشنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشى» نى چۈشىنىشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

 

ئۇيغۇرلار 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ غەربىي شىمال زېمىنى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىدى.

 

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىدا قامالغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر قىيىن-قىستاققا ئېلىنىماقتا.

 

رىچاردسون مۇنداق دېدى: «ماھىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنماقتا. ھەر قانداق شەكىلدىكى تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق، 3،4 ياشلىق بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ، خىتايچە سۆزلىشىدىغان بولۇشى ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىۋىتىلىشى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدۇر. ئېنىقكى، ئۇلار ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسلام ئېتىقادى بويىچە تەربىيىلەنمەيدۇ.»

 

رېچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزى ۋە نەسەبىنى ۋەيران قىلىش ۋە «بۇ پەرقلىق كىملىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىش» ئۈچۈن لايىھىلەنگەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلغان.

 

يېڭى زېلاندىيە ئىستېمالچىلار ۋە باج تاپشۇرغۇچىلار جەمئىيىتى (ACT, Association of Consumers and Taxpayers) يېقىندا پارلامېنتتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلاش تەكلىپنى مۇنازىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نانايا ماھۇتا «1 خەۋەر» گە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ كېلەر ھەپتە رەھبەرلەر يىغىنى (caucus) دىكى مەيدانىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىزچىل ۋە ئاشكارا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق دىققەت قىلىمىز.»

 

ماھۇتا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ب د ت دا بۇ ئىشنى داۋاملىق كۈن تەرتىپكە ئەكىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى 2020-يىلى باشقا 38 دۆلەت بىلەن بىللە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەيدىغان باياناتقا قاتناشقان ئىدى.

 

ئەمما رىچاردسون يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشنىڭمۇ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ خىل ئەندىشىسىنى ئىپادىلەش ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە دېئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا زور پايدىسى تېگىدۇ.»

 

ئەگەر يېڭى زېلاندىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىسا، ئۇ بۈيۈك برىتانىيە ۋە كانادا بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بولىدۇ.

 

مەنبە:
https://www.tvnz.co.nz/one-news/new-zealand/nz-declaration-uyghur-genocide-would-help-oppressed-community-human-rights-watch

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت (G7) مىنىستىرلار يىغىنى لوندوندا ئېچىلدى

دۈ ماي 3 , 2021
سانائەتلەشكەن 7دۆلەت(ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە) مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىغىنى 3-ماي لوندوندا باشلاندى.

You May Like