ئۇيغۇر نانلىرى خىتاي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئايلىنامدۇ؟

2020-يىلى9-ئاينىڭ -14-كۈنى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى » خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ت -شەرقى تۈركىستان )نىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى نۇرلان ئابدۇلـمەجىن ئۇيغۇر نانلىرىنى تىرىشىپ پۈتۈن خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىدە سېتىشقا چاقىرىق قىلغان.

ئەكبەر

 

2020-9-16

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

2020-يىلى9-ئاينىڭ -14-كۈنى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى » خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ت -شەرقى تۈركىستان )نىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى نۇرلان ئابدۇلـمەجىن ئۇيغۇر نانلىرىنى تىرىشىپ پۈتۈن خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىدە سېتىشقا چاقىرىق قىلغان.

 

خەلىقئارالىق ئورگانلار ،تەتقىقاتچىلار ۋە مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۈچ مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرلىرىغا قامىغان بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسمىلاتسىيە يۈرگۈزمەكتە.

 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر نانلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە سېتىش تەشەببۇسىنىڭ كەينىدە قانداق ھىلە-مىكىر، قانداق ئويۇنلار بار؟ بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچى تاھىر ئىمىننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دىدى:«خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىش ياكى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولنى تاللىغان بولۇپ، ئۇيغۇر نان مەدەنيىتى، ئۇيغۇر تىبابەت مەدىنيىتى، ئۇيغۇر چالغۇ مەدەنىيىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق خىتاينى دۇنياغا تېخىمۇ مەدەنىيەتپەرۋەر، كۈچلۈك كۆرسەتمەكچى. شۇنداقلا بۇ تۈرلەر ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا كىرىم بولىدىغان مەدەنىيەت تۈرلىرى بولغاچقا، خىتاي ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتماقچى. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاي ياۋروپا ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

چا سېنتەبىر 16 , 2020
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئەندىشىسى ھەققىدە، 15- سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن (汪文斌) ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) غا زىيارەتكە بېرىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بىراق قانداق شەرت ئاستىدا بېرىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كونكرېت توختالمىدى.

You May Like