تۈركىيە بىلەن ئ‍سرائىلىيە دىىپوماتىك مۇناسۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى

ئىسرائىلىيە باش منېستىر ئىشخانىسى 17-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ قايتىدىن باش ئەلچى

ۋە باش كونسۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە بىلەن ئ‍سرائىلىيە مۇناسۋىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئىزچىل تېركىشش ۋە زىددىيەت ئىچىدە داۋاملىشپ كەلگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە باش منېستىر  ئىشخانىسى 17-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ قايتىدىن باش ئەلچى ۋە باش كونسۇل ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

 

تۈركىيە بىلەن ئ‍سرائىلىيە مۇناسۋىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئىزچىل تېركىشش ۋە زىددىيەت  ئىچىدە داۋاملىشپ كەلگەن ئىدى

 

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە باش مېنستىرى راپىدنىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ «ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىقتىساد، سودا ۋە

مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە ھەم رايون مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق»

،تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان ئىزچىل ھالدا ئ‍سرائىلىيەنىڭ پەلەستىن سياستىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەنىدى،شۇنداقلا ئ‍سرائىلىيەنى  دۈشمەن سۈپىتىدە يېتىم قالدۇرۇش سياستىنى تەشۋىق قىلغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە بولغان نەپرىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى،ئەردوغاننىڭ ئەمدى قايتىدىن ئ‍سرائىلىيە بىلەن مۇناسۋەتنى نورماللاشتۇرۇشى-پەلەستىن ۋە باشقا ئەرەبلەرنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلدى، بۇ ھەقتە ئەلجەزىرە مەخسۇس خەۋەر بەردى.

.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ 17-چېسلا پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتكە كەلگەن قىرغىزىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى قۇلىبايېف بىلەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى تەيىنلەشنى قارار قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

 

كۆزەتكۈچىلەر ئەردوغاننىڭ ئ‍سرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ياخشلىشدا، ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى،بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى،تۈركىيە ئېقتسادىنىڭ ئىزچىل ناچارلىششى بولۇپ،ئ‍سرائىلىيە بىلەن مۇناسۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈركىيەگە پايدىلىق.ئەمما ئ‍سرائىلىيەمۇ تۈركىيەدە كۈچلۈك  رايون دۆلىتىدىن دىپلوماتىك ۋە ئېقتسادى مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ.

 

  2018- يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى تېلئاۋىفتىن ئېرۇسىلمغا كۆچۈرگەندە، پەلەستىننىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە شۇ سەۋەبتىن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. تۈركىيە ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئىستامبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنى قوغلاپ چىقارغان.

 

  2021- يىل 6-ئايدا، ئىسرائىلىيە باش مېنستىرى نېتانىياخۇ تەختتىن چۈشۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى. بۇ يىل 3-ئايدا پېرەزدىنىت ئىساك خېرھوگ بىلەن تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۇچراشتى، 5-ئايدا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلۇ ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەسلىدىكى پىلاندىن بىر كۈن بۇرۇن باشلىنىدۇ

شە ئاۋغۇست 20 , 2022
  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئادەتتە ساھىبخان دۆلەت ياكى چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغۇچى دۆلەت باشلىنىش مۇراسىمىدىكى مۇسابىقىگە چۈشۈشتەك ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇردى.

You May Like