«شەرقىي تۈركىستاندىكى 5- ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غايىب بولغانلار» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غايىب بولغان شېھىتلەر ھەققىدە توپلانغان ئەتراپلىق دوكلاتلار ئاساسىدا نەشرگە تەييارلانغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 19- ئىيۇن

 

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسىسى، ھازىر تۇركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋەېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سەئىجى نىشىھارا  تەرپىدىن بىرلىكتە  تۈركچە نەشرگە تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى 5- ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غايىپ بولغانلار» ناملىق ھۆججەتلىك ئەسەر تۈركىيە پاراگدىگما ئاكادىمىيەسى  نەشرىياتى تەرپىدىن كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب 2014- يىلى ياپونىيەدە ئېنگلىز ۋە ياپون تىللىرىدا نەشر قىلىنغان ئەسەر ئاساسىدا تۈركچە نەشرگە تەييارلانغان.

 

مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غايىب بولغان شېھىتلەر ھەققىدە توپلانغان ئەتراپلىق دوكلاتلار ئاساسىدا نەشرگە تەييارلانغان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي تەرەپدارى دوكتور پېتىر داسزاك "ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش" كومىتېتىدىن چىقىرىلدى

سە ئىيۇن 22 , 2021
خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئات، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان " ئوپېراتسىيە پىچىقى " (The Lancet) ژۇرنىلى 22- ئىيۇن ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بايانات بېرىپ دوكتور پېتىر داسزاك (Peter Daszak) نى "خىتاي ۋىرۇسى" كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغان.

You May Like