قارا سۇ پاجىئەسى ۋە خىتاينىڭ چېقىپ كۆچۈرۈش سىياسىتى

1996- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان قارا سۇ جىلغىسىدا 3000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرى ھەربىيلەرنىڭ قوراللىق مۇھاسىرىسى ئاستىدا چېقىلىپ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تۇنجى تۈركۈمدە ئۈرۈمچىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار سۈپىتىدە يۇرتىغا قايتۇرۇلدى.

ھەبىبۇللا ئىزچى (ئەسلىمە)

 

1996- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان قارا سۇ جىلغىسىدا 3000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرى ھەربىيلەرنىڭ قوراللىق مۇھاسىرىسى ئاستىدا چېقىلىپ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تۇنجى تۈركۈمدە ئۈرۈمچىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار سۈپىتىدە يۇرتىغا قايتۇرۇلدى.

 

ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان قارا سۇ جىلغىسى ئەسلىدە ئاقسۇ يېزىسىغا قاراشلىق بولۇپ، جىلغا ئىچىدىكى سۇلىرى ئەلۋەك، يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل بىر مەنزىرە رايونى ئىدى.

 

بۇ يەر 1990- يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار قۇشخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابايىم ۋە ئۆمەر ئاكا – ئۇكا بايلارغا بىر قىسىمىغا ئاھالىلەرنى  ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋە كۆپ قىسمىنى كۆكەرتىپ ئورمان تىكىش، ساياھەت رايونى تەسىس قىلىش نامىدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەستىقى بىلەن سېتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلار بۇ شەرتلەر ئاساسىدا ھازىرقى گۈلساي مۇسۇلمانلار قەۋرىستانلىقى، قارا سۇ جىلغىسى، ئاقسۇ يېزىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبىي ئوقۇتۇش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننى يېشىلىققا ئايلاندۇردى.

 

قارا سۇ جىلغىسىغا بولسا جەنۇب ۋە شىمالدىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئۆيلۈك يەر كېسىپ بېرىپ، ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ مىڭ ئائىلىلىكتىن كۆپ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈردى.

 

بۇ رايونغا ئۇيغۇر بايلارنىڭ ياردىمىدە مەكتەپ، مەسچىت، بالىلار باغچىسى قۇرۇلدى، تەڭرىتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەت قارا سۇ جىلغىسى ئاھالىلەر كومىتېتى، يەنئەن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى قۇردى.

 

1994- يىلىدىن كېيىنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومى چىقارغان ئىچكى ماتېرىيالىدا: «ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقى  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى، ئۈرۈمچىدىكى كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش دېگەن سىياسەتنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى شياڭگاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدە كەڭ – كۆلەملىك سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇشى ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى بەزى رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك.» دېيىلدى.

 

ئارقىدىنلا خېيجاسەن ۋە جەنۇبىي ۋوگزال تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلىشقا باشلىدى، 1995- يىللىرى مەن خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ تەرەپكە سەپەرگە چىققان بولۇپ، قايتىپ كەلگەندە رەھمەتلىك نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قارا سۇ جىلغىسى ۋە ئەتراپتىكى ۋەقەلەر ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇش، رەسىمگە تارتىش ۋە يەرلىكلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدىم.

 

بۇ ۋاقىتتا بۇ يەردىكىلەرگە كۆچۈش ئۇقتۇرۇشى بېرىلگەن، ئەمما چېقىپ كۆچۈرۈش باشلانمىغان بولۇپ، خېيجاسەن ۋە جەنۇبىي تاغ تەرەپتە چېقىپ كۆچۈرۈش بولۇۋاتاتتى.

 

قارا سۇ جىلغىسى ھەققىدە ئۆز ۋاقتىدا توپلىغان ئۇچۇردا ئۇيغۇلار   3321 ئائىلە، قازاق 120 ئائىلە، تۇڭگان 72 ئائىلە ئىدى.

 

قۇرۇلغان مەكتەپ بىر، بالىلار باغچىسى 3، مەسچىت بىر، ساقچىخانا بىر، ئاھالە كومىتېتى بىر.

 

ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى جەنۇبىي ئوقۇتۇش رايونى، ئاقسۇ يېزىسى، گۈلساي قەبرىستانلىقى ۋە يەنئەن يولى ئۈمىد كوچىسى تەرەپتىن كىرىپ چىقىلاتتى. ئۇ ئەتراپتا پەقەتلا مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى، تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانا، خىتاي ئىستىخباراتى تەڭرىتاغ رايونلۇق تارمىقىنىڭ ھەربىي مەشىق بازىسى ۋە شەھەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى جايلاشقان بولۇپ، بۇلار تاغنىڭ شەھەر تەرىپىدە، قارا سۇ جىلغىسى ئۇيغۇر مەھەللىسى بولسا تاغنىڭ ئارقىدىكى يېشىللىق ۋادىدا ئىدى.

 

1996- يىلى باھاردا بۇ يەردىكى يەرلىكلەرگە يۇرتىغا قايتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشقا باشلاندى، ئارقىدىن چېقىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلدى ۋە مۆھلەت 5-ئايغىچە ئىدى.

 

يەرنىڭ ئەسلى خوجايىنلىرى ئابايىم بىلەن ئۆمەر بولسا تۇتۇپ كېتىلدى.

 

بۇ مەھەللىدە قەشقەر پاسوندا تاغ باغرىدىكى ئېقىن سۇ بويىغا سېلىنىغان ئۆيلەر بەئەينى قەشقەرنىڭ كوزىچى ياربېشى ۋە جانقورغاننى ئەسلىتەتتى. بۇ يەردىكى قويۇق مىللىي مەدەنىيەت پۇرىقى ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار، قارشى تەرەپتە يەنئەن مېھمانخانىسىنى ماكان تۇتقان جاللات ۋاڭ لېچۈەننى راھەتسىز قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن بۇ يەردىكى ئۈچ مىڭ ئائىلىلىك يەنئەن مېھمانخىسى ئۈچۈن تەھدىت ھېساپلىناتتى.

 

1996- يىلى 5- ئايدا مەھەللىنىڭ سىرتىغا تارقاق جايلاشقان ئۆيلەرنى چېقىشقا باشلىدى، قارشىلىق كۈچەيگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق توختىتىلدى، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاياللىرىدىن تەشكىللەنگەن يۈزگە يېقىن ئايال ۋە بالىلار ئاپتۇنۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا بېرىپ ھەق –ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلىدى. ئىككى سائەت ئىچىدە 200 – 300 ساقچى ۋە ھەربىي بۇلانى قورشاپ ماشىنىغا بېسىپ، تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانا ھويلىسىغا ئەكىرىپ كەتتى ۋە مەجبۇرىي ئىمزا قويغۇزدى.

 

1996- يىلى 5- ئايدا ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ قوراللىق قورشاۋى ئاستىدا چېقىش باشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئولتۇراقلاشقان قازاق ۋە تۇڭگانلار بىلەن كېلىشىپ، تۇڭگانلارنى ئۈرۈمچى نۇپۇسى يوقنى نۇپۇسقا ئېلىش ۋە باشقا يەردىن ئۆيلۈك يەر بېرىش، مال – مۈلكىگە تۆلەم بېرىش شەرتى بىلەن، ئالدى بىلەن تۇڭگان ۋە قازاقلار كۆچۈپ بەردى، قازاقلار ھازىرقى ئاقسۇ يېزىسىغا، تۇڭگانلار تۆشۈكتام تەرەپكە كۆچتى.

 

ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە ھېچبىر زىيانغا تۆلەم بەرمەستىن قوراللىق قورشاۋ ئىچىدە ئۆيلىرى مەجبۇرىي چېقىپ تاشلاندى. كوچىنىڭ بېشىغا جايلاشقان ساقچى چېدىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئەگەر كېلىپ يۇرتىغا كېتىشكە قوشۇلغانلار ئىمزا قويسا، ئازراق يول خىراجىتى ۋە ئۆزلىرى تەييارلىغان ماشىنا بىلەن قوشۇلغانلارنىڭ يۈك تاقىلىرىنى ماشىنىغا بېسىپ، نەق مەيداندا يولغا سېلىۋاتاتتى. بۇ كۆرۈنۈش 2009-يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن كېيىن، ئات بەيگە مەيدانىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ماشىنىغا بېسىپ يۇرتىغا ھەيدىگەن مەنزىرىگە ئازراق ئوخشايتتى. بۇ كۈنكى ۋەقە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىدە گورۇپپىمىز تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئازاتلىق مەشئىلى» گېزىتىدە مەخسۇس سان قىلىپ چىقىرىلدى ۋە جەمئىيەتنى، ئوقۇغۇچىلارنى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

 

بۇ يەردە قىيامەت ھەپتىلەرچە ھۆكۈم سۈردى دېيىشكە بولىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئە بولسا ئاقسۇ ئۈچتۇرپانلىق ئەركىن ئىسىملىك بىر تېرە تىجارىتى قىلىدىغان كىشىنىڭ ئانىسىنى ئۆينىڭ ئىچىدە ئىكەن ماشىنا بىلەن تامنىڭ ئاستىغا باسۇرۇۋەتكەن كۆرۈنۈش ئىدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ تامنىڭ ئاستىدىن چىقارغان بولسىمۇ تۇنىيازخان ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ پۇتى سۇنغان ۋە بەدىنى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرقى قېتىم بۇ ئايالنى كۆرگەن چېغىمدا  چېقىۋەتكەن ئۆيىنىڭ جايىدا قىزى بىلەن ئولتۇرغان ئىكەن، شۇ ۋاقىتتا سۇنغان پۇتىنى سۆرەپ ئاران ماڭاتتى. تۇنيازخاننى  نەچچە پارچە رەسىم تارتتىم. ئايالنىڭ ئوغلىنى ۋە بۇ يەردىكى باشقا قارشىلىق كۆرسەتكەن 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپى مەجبۇرىي ھالدا يۇرتىغا قايتۇرلدى. ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق نوپۇس كىنىشكىسىمۇ بېجىرىپ بېرىلمىدى، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ بەزەن يەرلىرى ۋە ئۈچتۇرپان تەۋەسىدە بۇ يەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىمىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى ئۆي – بىساتى چېقىلىغان، ئۈرۈمچى نوپۇسى بار بىر قىسىم كىشىلەر يىللارچە ئەرز قىلدى، ھەتتا بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلغانلارمۇ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى بېيجىڭدا خىتاي فىلىمىدىكى ياڭ نەيۋۇنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاش مىخلىق تاختايدا يېتىپ ئەرزى قىلدى.

 

ئەمما ئەپسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈردىكى ھېچقانداق بىر داۋاسى ئادالەتلىك ھۆكۈمگە ئېرىشەلمىدى ۋە ئېرىشەلمەيتتى.

 

يەرنىڭ ئىگىسى ئابايىم ۋە ئۆمەر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، مەجبۇرىلاش ۋاستىسى بىلەن بۇ رايوننى شۇ ۋاقتتىكى مۇئاۋىن رەئىس ياڭگاڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ رايونغا ئابايىملار بەرپا قىلغان ئالتۇنبۇلاق ساياھەت باغچىسى ئىچىگە شەھەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى يەرلەشتى. كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولسا يا يۇرتىغا يەرلەشتى، يا يەنە قايتىدىن ئۈرۈمچىگە ئۆز ۋەتىنىدە غېرىچ تۇپراققا زار كۆچمەن بولۇپ قالدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىلتىماسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يېتىپ باردى.

شە ماي 29 , 2021
ئۆتكەن يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا، يەنى 2020- يىلى 18- دېكابىر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي كونسۇلى ئالدىدا باشلىغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتى 162 كۈندىن بېرى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ.

You May Like