ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2023- يىلى 9- ماي
بۈگۈن يەنى 9- ماي نورۋېگىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى ئافتىن پوستىننىڭ مۇقاۋا بېتىگە «پارلامېنت ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى بىلىشنى خالىمايدۇ» تېمىسدا خىتاينىڭ ناتسىست لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بىر ماقالە ئېلانى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا «بۇ يىل مارتتا سايراگۈل ساۋۇتباي نورۋېگىيە سىياسىئونلىرىغا ئۆزى سولانغان لاگېر ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇ تاياق يېيىش، تەھدىد سېلىش، توك سوقتۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىقلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.» دېگەن مەزمۇن قوشۇمچە قېلىنىغان.
كرىستوففېر رۆننەبەرگ (Kristoffer Rønneberg) تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىنىڭ باش تېمىسى «خىتاي بىر مىليون ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلاپ، خەلقئارا قانۇنلارنى بۇزدىمۇ؟» بولۇپ، بۇ ماقالىگە «بۇ ھەپتە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ دوستانە بولغان بىر دۆلەتكە كېلىدۇ.» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان.
ماقالىنىڭ بېشىدا سايراگۈلنىڭ بۇ يىل مارتتا نورۋېگىيە پارلامىنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ۋە ئۇ قامالغان ئاياللار لاگىرى ھەققىدە توختالغان. (بۇ مەزمۇنلار قىسقارتىلدى.)
ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ب د ت ۋە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر 2017- يىلىدىن باشلاپ، ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا سولانغان، دەپ پەرەز قىلغان.
بۇلتۇر شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا ئائىت ئىككى پارچە رەسىم ۋە ئىچكى ھۆججەتلەر «ئافتىن پوستىن گېزىتى» دە ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى خورلاش – ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ب د ت نىڭ بۇلتۇرقى بىر پارچە تولۇق دوكلاتىنىڭ يەكۈنى. بۇ دوكلات ناھايىتى زور پارتىلاش خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، مىشىل بەچېلېت (Michelle Bachelet) خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىغان كۈنى ئاندىن ئېلان قىلغان.
بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاساسەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى خىتاينىڭ دوست دۆلەتلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدىكى بىر مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق. شۇ سەۋەپتىن بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسىغا باغلىق مەسىلە بولۇپ قالغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۈمە كۈنى نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانىكېن ۋىتفەلت (Anniken Huitfeldt) شۇنداق قىلغۇسى بار-يوقلىقىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى.
ئۇ ئافتىنپوستىن گېزىتىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما مەن خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق باشقا يىغىنلاردا بۇ نۇقتىنى تىلغا ئالدىم.»
ئۇ بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ، يېپىق شەكىلدە قىلىشى مۇمكىن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەيلى ئوڭچىللار پارتىيىسىدىن ياكى ئىشچىلار پارتىيىسىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نورۋېگىيە تەرەپنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىدىغان ئادىتى يوق.
شۇ سەۋەبتىن پارلامنېتتىكى سىياسىئونلار باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى باھالىشى مۇمكىنمۇ؟ مانا بۇ سولچىللار، يېشىللار، خىرىستىيان خەلق پارتىيىسى، سوتسىيالىستىك سولچىللار ۋە قىزللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپى. بۇ پارتىيىلەر پارلامېنتتا 35 ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دۆلەت مەجلىسىدىكى %20 ئاۋازغا باراۋەر.
بۇ تەكلىپ 7- ئىيۇن مۇزاكىرە ۋە ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئەمما 25- ئاپرېل تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ئىشچىلار پارتىيىسى، ئوڭچىللار، تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مەركىزى پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن كۆپ سانلىق كىشىلەر پارلامېنتنىڭ رەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
سەۋەبى نېمە؟ نورۋېگىيەدە مەلۇم بىرسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ھۆكۈمەت ئەمەس، بەلكى سوتچى ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت بىر كومىتېتنىڭ بۇ ئىشنى باھالىشىغا رۇخسەت بەرمەيدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانىكېن ۋىتفەلت كومىتېتقا يوللىغان بىر پارچە خېتىدە بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئانىكېن ۋىتفەلت بىلەن ئوڭچىللار پارتىيىسىدىن ئىڭيەر سكوۋ (Ingjerd Schou) «ئەتراپتىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى» نىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ھۆكۈمەتلەر راستىنلا ئەيىبلىمىدى. پەقەت ئامېرىكا دائىرىلىرى ئەيىبلىدىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا، بىلگىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، فرانسىيە، تەيۋەن ۋە ئېرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچلىق خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپ قىلدى.
سولچىللارنىڭ رەھبىرى گۈرى مەلدىي (Guri Melby) پارلامېنتنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نورۋېگىيە خىتاينى چوقۇم تەنقىد قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىقتىسادى بەدىلىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس. چۈنكى ليۇ شاۋبو 2010- يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، خىتاي بىلەن نورۋېگىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى 6 يىلغا يېقىن توختاتقان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مۇشۇ مەزگىلدە خىتايغا بولغان ئېكىسپورت شىددەت بىلەن ئاشتى. بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. ئەكسىچە بىز بىر پاسسىپ يولنى تاللىۋالدۇق. دۇنيا ھەر قانچە ئۆزگەرسىمۇ، بىز چوقۇم بۇرۇنقى يولىمىزدا مېڭىشىمىز كېرەك.»
يېشىللار پارتىيىسىدىن راسمۇس خانسون (Rasmus Hansson) ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە نورۋېگىيە ياۋروپا بويىچە خىتايدىن ئەڭ قورقىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتىن زور كۆپچىلىكنىڭ تاللىۋالغان يولى ھەم مەنتىقىسىز، ھەم بەكمۇ قورقۇنچلۇق.»
خىرىستىيان خەلق پارتىيىسىدىن داگ-ئىنگې ئۈلستەيىن (Dag-Inge Ulstein) بېرىلگەن تەكلىپنىڭ ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «نەچچە مىليون ئادەم يەنىلا ئېغىر ۋەھىمە، قاتتىق زۇلۇم ۋە سىستېمىلىق خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. پارلامېنتنىڭ بىردەك ئىتتىپاق ھالدا خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق، ۋەھشى قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلالماسلىقى توخۇ يۈرەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
تەكلىپ سۇنغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان سوتسىيالىستىك سولچىللار پارتىيىسىدىن ئىڭرىد فىسكا (Ingrid Fiskaa) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيەلەردىن ئوڭچىللار بىلەن ئىشىچىلار پارتىيىسىنىڭ تىلىنى بىر قىلىۋىلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوڭچىللار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى. ھازىرقى ھۆكۈمەتمۇ ئۇنچىلىك كۆپ ئۆزگەرمىدى.»
پارلامېنتتىكى تەكلىپ بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئافتىنپوستىن بىلەن سۆھبەتتە بولغان بىرمۇ سىياسىئون ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمىگەن. ھەممىدىن بەك ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم بەلكىم نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىبى ئادىلجان ئابدۇرىھىم بولۇشى مۇمكىن. ئۇ نورۋېگىيەنىڭ بۇ نۇقتىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سۆزىنى تولۇقلاپ: «پارلامېنتنىڭ 7- ئىيۇن ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نورۋېگىيە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشتەك شۆھرىتى دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشمىغان ۋاقىتتىلا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر خەۋپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چاغدىمۇ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇش، بىزنى بىر پۈتۈن جەمئىيەت سۈپىتىدە يۈز بېرىۋاتقان رەھىمسىز قىلمىشلارغا شېرىك قىلىدۇ.» دەيدۇ.
بىلمەسجان تەييارلىدى.