لىتۋا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان 5- دۆلەت بولۇپ قالدى.

20- ماي ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەت لىتۋا پارلامېنتى بىلەت تاشلاپ ئاۋاز بىرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى، تىبەتلەرگە قاراتقان سياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

ئۇيغۇر يۈرەك
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2021- يىلى 20- ماي

 

20- ماي ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەت لىتۋا پارلامېنتى بىلەت تاشلاپ ئاۋاز بىرىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى، تىبەتلەرگە قاراتقان سياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

 

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى لايىھىسى 5 تىن 3 پارلامېنت ئەزاسنىڭ قوللىشغا ئېرىشكەن بولۇپ، باش مىنىستىر ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىغان.

 

لىتۋا 1940- يىلدىن 1991- يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست رىجىمى ئاستىدا باستۇرۇلغان بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى دوۋىل ساكالىيەن: بىز كوممۇنىزىمدا 50 يىل ياشىدۇق. بىز خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللايمىز.» دېگەن.

 

لىتۋا 2 مىلىيون 800 مىڭ نوپۇسى بار كىچىك دۆلەت بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتونىڭ ئەزاسى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان ۋىدىئولارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلىماقتا

جۈ ماي 21 , 2021
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، دۇنيا مىقياسدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئەيىبلەيدىغان سادالار كۈچەيگەندىن كېين، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت تاراتقۇسى ۋە خەلقئارا ئىجتىمائىي سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ، ۋەزىيەتنى، ختاي سياسىتىنى ماختايدىغان كۆپلەپ ۋىدىئولارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

You May Like