لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىلتىماسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يېتىپ باردى.

ئۆتكەن يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا، يەنى 2020- يىلى 18- دېكابىر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي كونسۇلى ئالدىدا باشلىغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتى 162 كۈندىن بېرى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29- ماي

 

ئۆتكەن يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا، يەنى 2020- يىلى 18- دېكابىر لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي كونسۇلى ئالدىدا باشلىغان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيىتى 162 كۈندىن بېرى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ.

 

لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ يېقىنلىرىمۇ بار ئىمكانىيتىدىن پايدىلنىپ، كونسۇلخانا ئالدى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ھەرخىل ئۇسۇللاردا خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈرك خەلقىگە ۋە ھەرقايسى پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرىگە بىلدۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

 

28- ماي خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى پائالىيەتتىن قايتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى يېقىنلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم، مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى، جەۋلان شىرمۇھەممەت ۋە ئالىمجان ئوت يۈرەكلەر  ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە مۇھىم يەرلىرىدىن بولغان تاكسىم مەيدانىدىكى تاكسىم جامىئەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ئەھۋالى يېزىلغان مەكتۇپنى رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

 

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەدىنە نازىمى خانىم گەرچە جۇمھۇر رەئىس بىلەن يېقىندىن كۆرۈشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىلتىماسىنىڭ رەئىس قوغدىغۇچىللىرىنىڭ قولى ئارقىلىق رەئىسكە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ لاگېردىكى سىڭلىسى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلىشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەۋلان شىرمۇھەممەت ئەپەندى بىزگە تاكسىم جامىئەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ھەرقايسى گېزىت – ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن مۇخبىرلىرى قاتناشقانلىقىنى، رەئىس ئەردوغاننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كىيىنلا، مەدىنە نازىمى خانىمنىڭ رەئىسكە «بىزگە ئىگە چىقىڭ!» دەپ ۋارقىرىشى بىلەن نۇرغۇن مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى زىيارەت قىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان A TV تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرىغا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلىغان مەسچىتلەرنىڭ بەزىللىرىنىڭ چېقىلىپ، بەزىللىرىنىڭ مەيخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشقا مۇيەسسسەر بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئالىمجان ئوت يۈرەك ئەپەندى بولسا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن خەلقىمىزنى خىتاينىڭ زۇلمىغا سۈكۈت قىلماسلىقنى ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بېلارۇسىيەدە غەلىتە «ئايرۇپىلان بۇلاش» ۋەقەسى يۈز بەردى

شە ماي 29 , 2021
مەلۇم بولۇشىچە تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ مۇخبىر بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشىنكوغا قارشى داڭلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇمىنىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

You May Like