‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى تۈركىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك شايكىسغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى

ئازغۇن ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئىلىپ بىرىلماقتا

بوران

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – ئاۋغۇست

 

يېقىنقى 3 يىلدىن بىرى تۈركىيەنى ئاساس قىلغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان  قۇرامىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلىمىز ئارىسىدا جىنايى قىلمىشلارغا چېتىلىپ قىلىش ۋەقەلىرى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە.

 بۇ خىل جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان جىنايەت بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چىكىش ، سېتىش ، چېكىشكە تەشكىللەش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە سورۇن ھازىرلاپ بېرىشتەك رەزىل قىلمىشلار بۇلۇپ، بۇ  بارلىق  ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بولۇپمۇ ئەسلىدىلا  ۋەتەن – خەلقىنىڭ دەردىدە يۈرىكى لەختە-لەختە  قان بولغان ئاتا – ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر زەربىلەرنى ئىلىپ كەلمەكتە.

بۇ رەزىللىكنىڭ خەتىرنى تونۇپ يەتكەن تۈركىيەدىكى  جەمئىيەت رەھبەرلىرى، تەلىم – تەربىيە ئورۇنلىرى، ئاتا – ئانا، ئۇستازلار ھەرخىل شەكىلدە تەربىيە قىلسىمۇ كۆرىنەرلىك ئۈنۈمى بولماي، ئەكسىچە تىخىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنى ئۆلۈمدىن ئىبارەت بولغان بو يولغا ئازدۇرۇپ كېتىلىۋاتقانلىقىغا  چىدىمىغان بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قەيسەر ياشلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن ‹‹كۆك بۈركۈت›› نامىدىكى زەربىدارلىرى گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر  جەمئىيىتىنى تۈزەش ، ياشلارغا ئىگە بولۇشنى ئۆزىنىڭ شەرەپلىك خىزمىتى دەپ تونۇپ بۇ خىزمەتنى ئۇستىگە ئالدى.

نۆۋەتتە ‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى جەمئىيەتنى ئىنچىكە كۈزىتىش ۋە جىنايەت شايكىلىرىنى تۇتۇپ ئەھۋال ئىگىلەش  جەريانىدا بۇ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ پەردە ئارقىسدا خىتاينىڭ  قارا قۇلى بارلىقى ئاشكارىلاندى. خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن بولۇپمۇ  ياش ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ ۋەيران قىلىشنى پىلانلىغان.

بۇنى بىلگەن ‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ ئىستانبۇلنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى جىنايەت شايكىلىرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىلىپ بارغان. بۇ ھەركەت قىسقىغىنا ۋاقىتتا  بىر قانچە  قېتىم ئىلىپ بېرىلغان.

بولۇپمۇ بىر نەچچە كۈن ئالدىدىكى ھەرىكەتتە زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلار تەرىپىدىن زەھەرگە خۇمار قىلىنىپ ئالداپ كېتىلگەن 17 ياشلىق بىر ئۆسمۈر بالىمىز بۇ شايكىنىڭ  قارا ئۇۋىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان. بۇ شايكىنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە پىلانلىشى بىلەن بۇ پەرزەنتىمىز  ئائىلىسىدىن ئاتا ئانىسىنىڭ خەۋىرىسىز 50 مىڭ تۈرك لىراسىنى ئېلىپ بۇ جىنايەت شايكىسىغا بەرگەن. بۇ پۇلدىن 36 مىڭ تۈرك لىراسىنى بۇ پەرزەنتىمىزنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. 14 مىڭ تۈرك لىراسى زەھەرلىك چېكىملىك سېتىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى يولدىن چىقىرىۋاتقان  شايكىلار تەرىپىدىن خەجلىنىپ تۈگىگەن. بۇ پىدائىي باتۇر ئوغلانلىرىمىز  يەنە بۇ جىنايەت شايكىسغا ئېغىر زەربە بەرگەن. 

 

‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى خىتاينىڭ  پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بۇ مەلئونلارغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىشى خىتاينىڭ بۇ خىل رەزىل مەقسىتىگە ھەرگىز يىتەلمەيدىغانلىقىنى، ۋە خىتايغا يانتاياق بۇلۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قىلغان زىيانكەشلىكنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى.

 

‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى ياش ئۈسمۈرلىرىمىزگە مۇنداق خىتاب قىلدى:

سۆيۈملۈك ياش ئۆسمۈرلىرىمىز! قىز ئوغۇللىرىمىز! زەھەرلىك چېكىملىك سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىدىغان، ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنى ۋەيران قىلىدىغان نىجىس نەرسە، دەرھال زەھەرلىك چىكىملىكتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. زەھەرلىك چېكىملىك سىزنى كوچىلاردا خانىۋەيران قىلىۋېتىدۇ، ھايات بىباھا! قايتا كەلمەيدۇ! شۇنى بىلىپ قېلىڭكى بىز ھەر زامان سىزنىڭ يېنىڭىزدا، بىز مىللىتىمىز ئۈچۈن بۇ يولغا چىقتۇق، مىللىتىمزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىز بو يولدا ھەر قانداق ئىش ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن يانمايمىز.

 

‹‹كۆك بۈركۈت›› زەربىدارلىرى  پۈتۈن ئاتا ئانىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىشنى، ئۆيدىكى ۋە سىرتتىكى ئىش پائالىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ھەر دائىم خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىنى، ئۆز ئارا نازارەت قىلىپ تۇرۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.

 

مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇر جامائىتى: خىتاي بىزگە ھەر خىل يوللار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. بىز ھوشيارلىقىمىزنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرۇپ بىزگە بولغان زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەجىبورىيتى. بىز ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ مىللىتىمىز، كەلگۈسىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ساغلام بولغان مۇھىت بەرپا قىلىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بولغان بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى.

 

خىتاينىڭ مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش رەزىللىكلەر بىلەن ياشلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلىشىتىكى تۈپكى مەقسىتى بولسا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىۋاتقان، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق يۇلىدا كېتىۋاتقان، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان ياشلىرىمىزنى زەھەرلەپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ رەزىل مەقسىتىگە ھەرگىزمۇ يىتەلمەيدۇ ۋە يەتكۈزمەيمىز.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان بوران مۇنداق دىدى: كۆك بۇركۇت زەربىدارلىرى -چەتئەللەردە،ئۇيغۇر ياشلىرىغا زەھەرلىك چىكىملىك ساتقان،چەكتۈرگەن، ئۇيغۇر قىزلىرىنى پاھىشگە ئۇيۇشتۇرغان،ئۇيغۇرلارنىڭ پۇللىرىنى قويغان ۋە بۇلىغان بارلىق جىنايەت شايكىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بىرىدۇ.قوشۇنىمىز ساغلام ئىتىقاد ،كۈچلۈك ئۇيغۇر روھى، مۇستەھكەم ۋەتەنپەرەۋرلىك بىلەن ،ياشلىرىمىزنى قوغدايدۇ.داۋايىمىزنى قوغدايدۇ ۋە جىنايەت شايكىلىرىنى قانوننىڭ قاتتىق بىرتەرەپ قىلىشغا تاپشۇرىدۇ.

تۈۋەندىكى رەسىملەر ھەققى بۇلۇپ شەخسىي ئۇچۇربولغاچقا رەسىملەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى.

 

 

 

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

پرېزىدېنت بايدېن كابۇل ئايرۇپورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات بەردى

جۈ ئاۋغۇست 27 , 2021
پرېزىدېنت بايدېن كابۇل ئايرۇپورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا بايانات بەردى

You May Like