كالىفورنىيە مەجلىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە خىتاي بىلەن سودا قىلىشنى چەكلىمەكچى

بۇ نەتىجە ئەلۋەتتە مەزكۇر خەۋەرنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا تەمنلىگەن كالىفورنيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ.

ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 26- ماي

 

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شتاتى كالىفورنىيە ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاساسلىق ئەزالىرى يەھۇدىي ۋە ئەرمەنىيلەردىن تەركىب تاپقان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان بولۇپ، نېۋ لايىن ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپاتى، قانۇنشۇناسلارنىڭ پاكىتلارنى ئانالىز قىلىشى قاتارلىق ئاساسلارنى مەنبە قىلغان.

 

بۇ قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم بۆسۈش بولۇپ، كالىفورنىيە ئەگەر دۆلەت بولسا، دۇنيانىڭ 5- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولىدۇ، ئومۇمىي ئىقتىسادى ئامېرىكىنىڭ 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئالاقىسى نيۇيورك، ۋاشنگتون، تېكساس، كالىفورنىيە شتاتلىرىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، كالىفورنىيەنىڭ خىتاي بىلەن سودا چەكلىشى ھەقىقىي ئىجرا بولسا، خىتايغا قاتتىق زەربە بولىدۇ.

 

بۇ نەتىجە ئەلۋەتتە مەزكۇر خەۋەرنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا تەمنلىگەن كالىفورنيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

پەلەستىنگە بېرىلىدىغان ياردەملەر جىددىي كۆپەيمەكتە

شە ماي 29 , 2021
ئامېرىكا غەززە رايونىغا 110 مىلىيون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدۇ. ئامېرىكا پەلەستىنگە يىلىغا جەمئى 235 مىلىيون دوللار ياردەم قىلىدۇ.

You May Like