ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 23 – ئۆكتەبىر

10_ئاينىڭ 17_ كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىرقىسىم ئاممىۋى تەشكىلات ، دەرنەك ، ۋەخپىلەر ۋە بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلار بىر ئارىغا كېلىپ « شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . 

شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى 2019_11-12- كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىكىنىڭ تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان ئىسمىدۇر .

شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى _ دارۇل ئىمان ئاكادېميىسى ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى ، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ، شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى ، ئىلى مەشرەپ ۋەخپى، ئۇيغۇر ئىلىم _ مەرىپەت ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ۋەقىپلەرنىڭ بىرلىكى ئاساسىدا قۇرۇلغان .

ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇرىشىت ئەپەندى ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ، ئۇيغۇر ئاكادېميىسى ۋەكىللىرىدىن شەۋكەت ناسىر ۋە بورھان ئۇلۇغ يول ئەپەندىلەر شۇنداقلا يەنە پىروففىسور، دوكتور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق، ئالىمجان ئىنايەت، ۋارىس چاقان  ۋە بىرقىسىم دىنى ئۇستازلار ، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتناشتى ۋە ئايرىم _ ئايرىم سۆز قىلدى . 

شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيىسى باشلىقى مەھمۇت داموللا فېدېراتسىيەنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە  ؛« شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر نامى بىلەن قۇرۇلغان ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ، كىملىكى ،مىللىي كۈلتۈرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا خىزمەت قىلىش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتەندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللىتىنى ، ۋەتىنىنى ئەسلىتىش، ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول كۆرسىتىدىغان بۇلىشى كېرەك . نۆۋەتتە بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم تەشكىلات ۋە دەرنەكلەر بولسىمۇ ، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇلار يېتىشەلمەي قېلىۋاتقان جەھەتتە مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلىشتۇر . 

بىزنىڭ قىلماقچى بولغانلىرىمىز؛ 

1. تالانت ئىگىلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش .

2. سايلاش ۋە سايلىنىش پۇرسىتى تەمىنلەش .

3. دۆلەتچىلىك سۆيگۈسىنى ئاشۇرۇش .

4. مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېرىشتۈرۈش.

5. مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش .

6. يول بەلگىسى سىزىپ چىقىشقا تىرىشىش قاتارلىقلار بۇلۇپ ، يۇقىرىقى مەخسەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەرقانداق تەشكىلات ياكى دەرنەكلەر بولسا بىز ھەر ۋاقىت بىرلىشىپ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز » دېدى ‌.  

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

ئەردوغان ئامېرىكا،فرانسىيە،ئەنگلىيە قاتارلىق 10دۆلەت باش ئەلچىلىرىنى قارشى ئىلىنمايدىغان كىشلەر دەپ ئىلان قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

شە ئۆكتەبىر 23 , 2021
ئەردوغان ئامېرىكا،فرانسىيە،ئەنگلىيە قاتارلىق 10دۆلەت باش ئەلچىلىرىنى قارشى ئىلىنمايدىغان كىشلەر دەپ ئىلان قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

You May Like