گېرمانىيە كارخانىلىرى شەرقى تۈركىستاندىن چېكىنىشى مۇمكىن

يېقىندا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى » تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. «جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى» Süddeutsche Zeitung نىڭ 16-ماي ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە دېيىلىشىچە: ئەگەر بۇ قانۇن تەستىقلىنىپ قالسا بارلىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك» بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان گېرمانىيە كارخانىلىرى تاقىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 17-ماي

 

ئارمان

 

يېقىندا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى » تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. «جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى» Süddeutsche Zeitung نىڭ 16-ماي ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە دېيىلىشىچە: ئەگەر بۇ قانۇن تەستىقلىنىپ قالسا بارلىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك» بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان گېرمانىيە كارخانىلىرى تاقىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

 

مەزكۇر قانۇندا بەلگىلەنگەن بويىچە: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك» بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ گۇمانلانغان گېرمانىيە كارخانىلىرى چوقۇم خىتاي بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى كېرەككەن، خىلاپلىق قىلىنسا يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە تۆلىگەندىن سىرت مەسئۇل خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن. يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مارگرىت بائۇس Margarete Bause خانىم شىنجاڭدا(شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان) دا پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. فېدېراتسىيە پارلامېنتى باھالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە گەرچە بۇرۇن ب د ت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئوخشاش مەزمۇندىكى قانۇنلار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ئانچە يېتەرلىك بولمىغان، ئەمما بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، گېرمانىيە سودا ساھەسىگە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ كېلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن، چۈنكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى شىركەتلەر ئەڭ ئاز دېگەندە يىللىق سېتىش سوممىسىنىڭ 2% بويىچە جەرىمانە تۆلىشى كېرەك بولۇپ بۇ ئىنتايىن يۇقىرى سومما ئىكەن.

 

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئىلمىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە نۇرغۇن خەلقئارالىق شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك» بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىسپاتلىنىپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە: Adidas;Puma;BMW;Volkswagen;Simens قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرىمۇ بار ئىكەن.

 

خەۋەر قىلىنىشىچە بۈگۈن (17-ماي) گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلماقچى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك!

دۈ ماي 17 , 2021
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (سىياسىي ئوبزور) بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6- ماي ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇرجان

You May Like