ئەردوغان: بىز خىتاي بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇش سوممىسىنى 6 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدۇق

ئەردوغان مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە يەرلىك پۇللار بىلەن بولغان سودىدىكى تەرەققىياتلار توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەركىزى بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باتۇر قاراخانلې

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 13- ئىيۇن

 

پرېزىدېنت رەجەپ تايىپ ئەردوغان مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەردوغان يېقىندا خىتاي بىلەن يەنە 3 مىليارد 400 مىليون دوللار پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي سوممىنىڭ 6 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
پرېزىدېنت رەجەپ تايىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، بىريۇسسېلغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەركىزى بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھەققىدە توختالدى.

 

ئەردوغان مەركىزىي بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە يەرلىك پۇللار بىلەن بولغان سودىدىكى تەرەققىياتلار توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەركىزى بانكىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

 

ئەردوغان، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يەرلىك پۇل بىلەن ئېلىپ بارغان سودىلارنى ، مەركىزىي بانكىلار ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلغان «ئالماشتۇرۇش (swap)» كېلىشىمى ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز يېقىندا ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىمىزدىن بىرى بولغان خىتاي بىلەن يەرلىك پۇل ئالماشتۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم كېلىشىم تۈزدۇق. بىز ئىلگىرى خىتاي بىلەن 2 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەن ئىدۇق. ھازىر بۇ رەقەم 3 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق يېڭى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بىلەن جەمئىي 6 مىليارد دوللار بولدى. بۇ كېلىشىمنىڭ سوممىسى 46 مىليارد تۈرك لىراسىغا، خىتاي پۇلىغا 35 مىليارد يۈەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىلدىكى ناھايىتى چوڭ سەكرەش بولدى. ھازىر تۈركىيە مەركىزىي بانكا تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتتى. مەن باش مىنىستىر بولغان مەزگىللەردە بۇ رەقەم 135 مىليارد دوللارغا يەتكەنىدى. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئېشىشقا باشلىدى، بۇ ئېشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

 

ئەمما ئىقتىساد ساھەسىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2021 – يىلى 4 – ئىيۇندىكى مەركىزىي بانكا ئۇچۇرى (https://tcmb-reserves.github.io/) نى ئاساس قىلىپ ئېيتىشىچە، تۈركىيە مەركىزىي بانكا تاشقى پېرېۋوت ئومۇمىي زاپىسى، ئالماشتۇرۇلغان پۇل زاپىسىنى چىقىرىۋەتكەندە 55.82- مىليارد دوللار بولغان، يەنى 55.82 مىليارد دوللارلىق قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۈئەل كوگولاتى ئەپەندىنىڭ باياناتى

سە ئىيۇن 15 , 2021
بۈگۈن بېلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومېتىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئېرقىي قىرغىنچىلىق خەتىرى بار دەپ ئېتىراپ قىلدى.

You May Like