ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى باش مېنستىرى سايلاندى: لىز تىراس

ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى باش منستىرى سايلاپ چېقىلدى. ئەنگىلىيە كونسرۋاتىپلار پارتىيسى بورىس جونسۇننى ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن ئىلىپ بارغان پارتىيە سايلىمى نەتىجىسدە، ئايال نامزات لىز تىراس سايلىنىپ، ئەنگىليە تارىخىدا ئۈچىنچى ئايال باش منستىرى بولدى.

ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى سايلاندى: لىز تىراس

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-سېنتەبىر

ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى سايلاپ چېقىلدى. ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بورىس جونسۇننى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان پارتىيە سايلىمى نەتىجىسىدە، ئايال نامزات لىز تىراس سايلىنىپ، ئەنگلىيە تارىخىدا ئۈچىنچى ئايال باش مىنىستىرى بولدى.
لىز تىراس بۇ يىل 47 ياش، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى باش مىنىستىرلىرى ھۆكۈمىتى كابىنېتىدا ئىشلىگەن.
لىز تىراس ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ھەربىي ياردىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى، خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

ئۇ يەنە باش مىنىستىر بولۇپ سايلانسا،ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۆلەت نامىدىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.ئىلگىرى ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت باش تارتقان ئىدى.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئافغانىستاندىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلۈپ 28 ئادەم يارىلاندى

دۈ سېنتەبىر 5 , 2022
ئافغانىستاندىكى بىر مەسچىتتە ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلۈپ 28 ئادەم يارىلاندى

You May Like