دوپپا

ئامىنە سەدەف
2021- يىلى 5- ماي

ئامىنە سەدەف
2021- يىلى 5- ماي

 

ھەر رەڭگىگە پۈتۈلگەن
پاجىئەلىك بىر قىسمەت،
ياكى باردۇر گۈللىرىدە
سېھىرلىك بىر مۇھەببەت.
ھەر خىلىغا مۇجەسسەم
تارىختىكى رىۋايەت،
بادام دوپپا،
چىمەن دوپپا‌،
گۈل دوپپا …
گۈل قوللاردىن كەشتىلەنگەن ئۇز دوپپا،
شان – شەرىپىڭ، ئىززىتىڭنى يوقاتتۇق،
بۈگۈن سەنمۇ بىزگە ئوخشاش خار دوپپا.
دوپپا تىككەن قوللار بۈگۈن باغلاقتا،
دوپپا كىيگەن باشلار كەتتى قاياققا؟
سەن بىلەن تەڭ يوقاتتۇق بىز ئۆزلۈكنى،
تەمتىرەشتە يۈرۈيمىز بىز ھەر ياقتا …

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تۈركيە كېلەچەك پارتىيىسى، سابىق تۈركيە باش مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

يە ماي 9 , 2021
ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ بۈگۈن تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەزكۇر كۈندە كەلگەن، خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك تەبرىكلىنەلمىگەن دوپپا بايرىمىنى، ئەركىن تەبرىكلەيدىغان كۈنلىرىنىڭ كېلىشنى تىلەش بىلەن تەبرىكلەيمەن.

You May Like