ئوبزور: ئەلرايى ۋە سەمىمىيەت – بىز راست گەپ قىلساق بولمامدۇ؟

توردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي ئەلرايىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ بەزى خەۋەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ، خەلق رايىنى كۆرۈش ئاسان ئەمەس، چۈنكى مۇھاجىرەت جەمئىيتىمزدە كۆپ خىل قاراشتىكىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھەقىقى ئەلرايىنى بىلىش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكىدەك سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشمىز كېرەك…

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەھرىراتى

 

توردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي ئەلرايىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ بەزى خەۋەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ، خەلق رايىنى كۆرۈش ئاسان ئەمەس، چۈنكى مۇھاجىرەت جەمئىيتىمزدە كۆپ خىل قاراشتىكىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھەقىقى ئەلرايىنى بىلىش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكىدەك سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشمىز كېرەك:

مەزكۇر خەۋەر ياكى ماقالە ياكى سوئال-جاۋاب ئوخشمىغان پىكىردىكى ئاساسىي كىشلەرگە يەتتىمۇ ۋە ئۇلار پىكىر بىلدۈردىمۇ؟ ئىنكاس يازغان ھەممە كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مىللىي مەنپەئەتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمدۇ؟ ئۆزىنىڭ قانداق ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى بارلىقىنى چۈشىنەمدۇ؟ ياكى ئۇلار باشقا بىرلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن ئىنكاس يازامدۇ؟ ئۇلار بېرىۋاتقان پىكىر ئۇلارنىڭ ئ‍ۆز ئىرادىسگە ۋەكىللىك قىلامدۇ ياكى ئۇلارنى باشقا بىرسى مەنپەئەت ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە قىزىقتۇرامدۇ؟

بۇ سۇئاللارنى قوزغاتقىنى، يېقىندا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئاتالمىش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھىمايە قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئ‍ۇيغۇر دۈشمەنلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا قالپاق كىيگۈزۈپ، «مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات پەيدا قىلدى» دېيىشمەكتە.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يەنە ئالدىنقى كۈنى تۈركىيە ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتتا ئۇيغۇر لايىھىسىنى 8- قېتىم رەت قىلغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەردە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى بېرىلمىگەن بولۇپ، ۋەقە ئەينەن يېزىلغان. تۈركىيەدىكى ئاق پارتىيەنى ھىمايە قىلغۇچى شەخسلەر «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەر ئارقىلىق تۈركىيەنى يامان كۆرسەتمەكچى» دەپ قالپاق كىيگۈزمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ئ‍ۇيغۇرلارنى خىتايغا ئاشكارا ساتقان قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ خەۋەر ئىشلىگىنىمىزدىن كېيىن، دەل ئوخشاش كىشلەر ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنى «قېرىنداشلار ئارا زىددىيەت تېرىدى» دەپ داۋراڭ سالدى. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ «ئۇيغۇر» لىرى: «بىز ھۆكۈمەتلەرگە خىتاب چىقارغۇدەك كىم ئىدۇق؟» دېيشتى.

ۋەھالەنكى ئەكسچە، تاھىر ئىمىننىڭ ئۆزبېك، قازاق ھۆكۈمەتلىرىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرغان مەشھۇر نۇتقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون دوللار خەجلەپ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلدى. قازاقىستان خەلقى ۋە تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىلەن ئالاقە قىلدى. نېمىشقا ئۇلار بۇنى كۆرمەسكە سالىدۇ؟

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا غەربپەرەس، ئىسلامغا، تۈركلىككە  قارشى دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقانلار ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تاشقى مۇناسۋەتتە يۇمشاق قوللۇق قىلغاندا تەنقىد قىلغانلىقىنى، ياۋروپادىكى گېرمانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان ئىنكاسى ئاستا بولغاندا ئېلان قىلغان تەنقىدلىرىنى كۆرمەمدۇ؟ ئەنگىلىيە سوتىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ بايدىن ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەجەبا ئۇلار راست گەپ قىلىشنىڭ ئاخباراتنىڭ جېنى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ چوڭ ئىشلارنى خەۋەر قىلمىساق، نېمىگە ئاخبارات بولىمىز؟ ئەجەبا ئۇلار ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ «ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەنپەئەتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!» دەپ يېزىلغان نىزامنامسنى بىلمەمدۇ؟

ئۆتكەن بەش يىلدا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پەقەت دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك، ئىنسان ھوقۇقلىرىغا بولغان ئىنتىلىشلىرىنىلا تونۇشتۇرۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، سىياسىي ئۇرۇنۇشلىرىنى ئۆلچەملىك ھالدا تونۇشتۇرۇپ تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە سەمىمىي ھالدا ئىلھام بېرىپ كەلدۇق. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يەنە خەلققە كىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى، كىملەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدۇق. ئەگەر بىز بۇ راست ۋەقەنى خەۋەر قىلمىساق، ئومۇمىي خەلق كىملەرنىڭ دوستىمىز، كىملەرنىڭ ئۇيغۇرنى ساتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەي، كىملەرگە قانداق تەشۋىقات ۋە لوبىيچىلىق قىلىشنى بىلمەي يۈرمەمدۇ؟

ئەمەلىيەتتە تۆھمەتخورلار بىلىدۇ، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ راست گەپ قىلىشمىزنى خالىمايدۇ، چۈنكى بىز راست گەپ قىلساق، ئۇيغۇرلارغا پايدىسز، زىيانلىق ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، مەنپەئەتى باغلانغان كىشلەرنىڭ رەسۋالىقى، سەمىمىيەتسزلىكى، خەلقنى ئالدىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.

ئۇيغۇرلار راس گەپنى ئاڭلىيالىشى كېرەك، راست گەپنى ئاڭلاش دېگەن نېمە؟ كۆنۈپ قالغان ساختىلىققا قارشى ئەمەلىي ۋەقە ئاشكارىلانسا، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

راست گەپنى ئاڭلاش دېگەن نېمە؟ بىزنىڭ ھورۇن خۇلقىمىز، پاسسىپ مىجەزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان، راھەت رايونىمىزنى بۇزۇپ تاشلايدىغان پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىش دېگەنلىكتۇر.

راست گەپنى ئاڭلاش دېگەن نېمە؟ ئوخشمىغان پىكرلەرنى ئاڭلاش، ئۇنىڭ پاكىت ئاساسىنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىكتۇر.

راست گەپنى ئاڭلىماي، ئۆزىمىزنى ئالداپ، يۇمشاق، تاتلىق گەپ قىلىپ چېكىندۇق، چېكىنىۋاتىمىز.

چۈنكى بىلىش ھوقۇقى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋە جىددىي ھوقۇقىدۇر. يالغانچلىق، تۆھمەت بۇ ھوقۇقنى تارتىۋالىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتى ئالدىدا، غەرب، شەرق، مۇسۇلمان،  يەھۇدى، ئەرەب، تۈرك، ئامېرىكان، گېرمان دېمەيدۇ، كىم بىزنى ھىمايە قىلسا، كىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، شۇنى مەدھىيلەيدۇ، قوللايدۇ. كىم قارشى ئىش قىلسا، شۇنى ئەيىبلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن ئورتاق پرىنسىپ شۇكى: بىز ئۈچۈن مىللىي مەنپەئەت بىرىنچى. بىز غەربپەرەس، تۈركپەرەس، ئەرەبپەرەس، خىتايپەرەس، روسپەرەس، گېرمانپەرەس ئەمەس، ئۇيغۇرپەرەس بولايلى.

Uyghur Reporter

Next Post

ئىستراتېگىيە ئانالىزى: خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى غەرىزى نېمە؟

شە يانۋار 21 , 2023
ئىستراتېگىيە ئانالىزى: خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى غەرىزى نېمە؟

You May Like