بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۈئەل كوگولاتى ئەپەندىنىڭ باياناتى

بۈگۈن بېلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومېتىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئېرقىي قىرغىنچىلىق خەتىرى بار دەپ ئېتىراپ قىلدى.

ئارمان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 15- ئىيۇن

 

بۈگۈن بېلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومېتىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئېرقىي قىرغىنچىلىق خەتىرى بار دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئەمدىلىكتە بۇ قارار1-ئىيۇل بېلگىيە يۇقىرى كېڭەش پالاتاسىدا ئومۇمىي ئاۋازغا بېلەت تاشلىنىش ئالدىدا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە يۇقىرى كېڭەش پالاتادىكى بېلەت تاشلىنىپ ماقۇللىنىشىمۇ ئاساسەن ئېنىق ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېلگىيە شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى، 32 ياشلىق سامۈئەل كوگولاتى Samuel Cogolati ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇندۇق. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بارلىق ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن سامۈئەل ئەپەندىگە ۋە شۇنداقلا بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بارلىق كىشىلەر ۋە ئورگانلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

 

فرانسۇزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان

 

» ئەڭ يېڭى خەۋەر! بېلەت تاشلاندى بېلگىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئېرقىي قىرغىنچىلىق خەتىرى بار دەپ ئېتىراپ قىلدى . بۇ بىر تارىخى پەيت، تېخى بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا بۇ ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەستى. مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ تاپتىكى ھاياجانلىق ھېسسىياتىمنى تىلىم بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمەن. بىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بۈگۈن نەتىجىسىنى كۆردى! ھەممە ئىشلار بۇندىن نەق ئىككى يىل بۇرۇنقى كۈنلەردىن باشلاندى، بېلگىيەنىڭ Gand شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇساپىر ئابلىمىت تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئانچە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس ئىدىم. ئۇنىڭ ئايالى ۋە تۆت بالىسىنىڭ بېلگىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىنىڭ ئالدىدا قولغا ئېلىنغانلىق ئۇچۇرىنى ئالغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىدىيېغ غەيندېغ (Didier Reynders) ئەپەندىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ خەت ئەۋەتتىم، بۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تۇنجى دوكلاتىم ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 24 سائەت نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈشەلمەسلىك ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. بۇنى ئويلاپ بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولاشتى، مەن بۇ يەردە توختاپ قالسام بولمايتتى، مەن بارا-بارا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم، مىليونلىغان گۇناھسىز كىشىلەر لاگېرلاردا قاماقتا قىينالماقتا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، ئۇيغۇرلار سىستېمىلىق ھالدا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا… بۇلارنىڭ ھەممىسى 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ئىدى. مەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان، بېلگىيە ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى خىتايشۇناس ۋانېسسا (Vanessa Frangville) ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار بىلەن دوستلاشتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ: » ئەگەر بىز ھېچ ئىش قىلالمىساق، مۇشۇ يەردىكى بىر ئەۋلاد ساق قالغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئۇيغۇرلار مەۋجۇت بولمايدۇ» دېيىشتى. يېقىندىن بۇيان لاگېر ئىچىدىكى ئاياللارغا قىلىنغان سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق، ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ خىتاينىڭ دارېلتاملىرىدا خىتايچە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان ئاياللار قاتارلىق پاجىئەلىك ئەھۋاللار توغرىسىدا يېڭى پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ھەتتا بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە 2017-يىلىدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 48.74% تۆۋەنلىگەن. مەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىشلارغا قول قوشتۇرۇپ تۇرالمىدىم، بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىمىسام بولمايتتى. خەلقئارا قانۇندا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سىستېمىلىق يوقىتىش جىنايىتىنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى بار، يەنى :» ئىرقىي قىرغىنچىلىق». 1948-يىلى خەلقئارا جەمئىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىدى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا » ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ خىتاب قىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە پاكىت ۋە ئىسپاتلارنى توپلاشقا كىرىشتۇق، ئەستايىدىللىق بىلەن بۇلارنى رەتلەپ چىقىپ 2020-يىلى 2-ئايدا بېلگىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا دوكلات سۇندۇق. دوكلاتىمىز بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان دۇنيا بويىچە بىرىنچى دوكلات ئىدى، مەقسىتىمىز شۇكى: بېيجىڭغا كۈچلۈك سىگنال بېرىش، ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىش ئىدى. دوكلات سۇنۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ بېشىمىزغا قانداق قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق، دەسلىپىدە دوكلاتىمىزنى پارلامېنتتا ئۈن تۈنسىز «دەپنە» قىلىۋېتىش توغرىسىدا بېسىملار كېلىشكە باشلىدى، ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ماڭا ۋە ئائىلەمگە قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما بۇ جازا ئاقىۋەتتە خىتايغا پايدىسىز بولۇپ چىقتى. بىز دېموكراتىيەدىن ئىبارەت بۇ قورال ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پارلامېنتتىكى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق، خىتاينىڭ ھەرخىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ بىزگە توسالغۇ بولۇشى بىزنىڭ ئالىيجاناب بىر ئىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتى ئىدى. پارلامېنتىمىز ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا ھەرخىل يۇقىرى سۈپەتلىك ئىسپات ئاڭلاش، مۇنازىرە يىغىنلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق خىزمىتىمىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلدى، بۇ يەردە بىزنى قوللىغان خىزمەتداشلىرىمغا ۋە ھەرقايسى ئورۇنلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. خۇددى بەزىلەر ئېيتقاندەك » بېلگىيە بەك كىچىك» دۆلەت بولۇشى مۇمكىن. ئەمما دۆلىتىمىز سۈكۈتتە تۇرسا شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىمىزنى خەلقئارالىق سودا ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتسە ياكى زالىم بىلەن بىر تەرەپتە تۇرسا ئېنىقكى زالىملار ئۆز خەلقىگە بولغان باستۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ياق، بىز چوقۇم كەمسىتىشكە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك! باشقا دۆلەتلەر باشچىلىق قىلىپ يول كۆرسەتتى. كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋانىيە ۋە چېخ پارلامېنتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېتىراپ قىلدى. بۈگۈن، يەنى بىر قانچە ئايلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىدە بېلگىيە پارلامېنتى دۇنيادىكى 6- بولۇپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان پارلامېنت بولدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم ھەم مەمنۇن بولدۇم. بىز بۇ يەردە تۇنجى قېتىم رىۋاندا ۋە سرېبېنسىيادىكى پاجىئەلەرنىڭ ساۋىقىنى يەكۈنلىدۇق. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىگە قارشى تەدبىر قوللاندۇق، كېچىكىپ كېتىشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. خىتايدىكى ناچار ئەھۋاللار داۋاملاشسا، مەجبۇرىي ئەمگەك داۋاملاشسا بېلگىيەدىكى كۆپ قىسىم دېموكراتچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ كېلىشىمىنى توڭلىتىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا بېلگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭ ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۈمىد قىلىدىغىنىم شۇكى: باشقا مەجلىسلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىشى. ئەگەر بارلىق دېموكراتچىلار ئىتتىپاقلاشقان چاغدا خىتايدا چوقۇم ئۆزگىرىش قىلالىشىمىز ئېنىق. بىزنىڭ ئۇچۇرىمىز ئېنىقكى: مەيلى قانداق دۆلەت بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر(مەيلى كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇڭ)، تېرىڭىزنىڭ رەڭگى، جىنسىڭىز، دىنىڭىز ياكى تاشقى قىياپىتىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىمىزنىڭ قەدرى- قىممەتكە ئېرىشىشتەك ئاساسى ھوقۇقىمىز بار. بۈگۈن بىزنىڭ بۇ «كىچىك» دۆلىتىمىز ئەمەلىيەتتە ناھايىتى «ئۇلۇغ» ! چۈنكى بىز ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئازراق بولسىمۇ غەيرەتكە كەلدۇق.»يازمىنىڭ فەيسبۇكتىكى ئەسلى نۇسخىسى:https://www.facebook.com/Cogolati/posts/3868213066633856?__cft__[0]=AZURwCaEf1IghbWgBbT2lMRVW-I4WnbF7KWZ6uD2TR-VUXkxrnrIW8GsGrWHk1LCTnflI8jfCMD3Ee4yMGh4eJrl_W4tP3tL2gxr2otRdp85kYykdpLRNXxeo_bpfkmpCFKR2z4ADH73rT91A8jdBKX2U7S1XMjIPVIhOA5shY0mXfemX94FuuTy5Hvb-WeuaG9OlvIvMn54BklQOC9gwz5jo_Izz9HG1cCR7v8mQa7C6Q&__tn__=-UK-R

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئىستانبۇلدا داۋاملىشىۋاتقان <<مىللەت نۆۋىتى>> پائالىيىتى ساقچىلارنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى

سە ئىيۇن 15 , 2021
بۈگۈنكى "نۆۋەت" پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەتەنداشلار ئالدى بىلەن خىتاي جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى مېھراينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر خانىم ئانىسىنىڭ 4 ئاي ئىلگىرى جازا لاگېردا شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرىنىمۇ بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغان . خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى قەد كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان خەلقىمىزنىڭ بۇ پائالىيىتى 179 كۈندىن بېرى ئىسسىق- سوغۇق دېمەستىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

You May Like