بايدىن خىتاينى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان يېڭى مۇداپىئە خامچوت پىلانىنى ئېلان قىلدى

پرېزىدېنت ئوتتۇرىغا قويغان خامچوت تەلىپى دۆلەت مەجلىسى كېڭىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىشنى ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت مەجلىسى بەلگىلەيدۇ.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 30- ماي

 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن 715 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوت پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ پىلاننىڭ خىتاينى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. جۈمە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇلغان 2022- مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى تەلىپى ھەربىي تەييارلىق، ئالەم بوشلۇقى ۋە شۇنداقلا تىنچ ئوكيان تەھدىتى چاقىرىقى (Pacific Deterrence Initiative) قاتارلىقلارغا سالىدىغان مەبلەغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ چاقىرىق خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچى ۋە يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

خامچوت تەلىپى ھەربىي پاراخوت ۋە رېئاكتىۋ ئايروپىلان سېتىۋىلىش، ئاسراش ۋە مۇئاش قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان 38 مىليارد دوللارلىق خىراجەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئومۇمىي سوممىسى 753 مىليارد دوللارغا يېتىپ بېرىپ، 2021- يىلىدىكىدىن %1.7 ئاشقان. خامچوت يەنە ھەربىي تەرەپ رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاۋاز سۈرئىتىدىن كۆپ يۇقىرى بولغان قوراللارنى ۋە باشقا «كېيىنكى ئەۋلاد» سىستېمىلارنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىش ۋە سىناشقا كېتىدىغان مەبلەغلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

پرېزىدېنت ئوتتۇرىغا قويغان خامچوت تەلىپى دۆلەت مەجلىسى كېڭىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىشنى ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت مەجلىسى بەلگىلەيدۇ.

 

تىنچ ئوكيان تەھدىتى چاقىرىقى ئاساسلىقى خىتاينى چەكلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خامچوت ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چاقىرىقنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ھېندى – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رىقابەت بولۇپ، رادار، سۈنئىي ھەمراھ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونىدىكى تەييارلىقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدۇ. بەش بۈرجەكلىك بېنا رەيسىئون (Raytheon) شىركىتى ياساپ چىققان جەڭ پالتىسى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (Tomahwk)  ۋە ئۆلچەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا 6 (SM-6) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىغا بولغان مەبلەغنى كۆپەيتىدۇ.

 

مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي فرانسىيەنى توڭلىتىلغان خىتاي - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى قوزغىتىشقا ئۈندىدى

يە ماي 30 , 2021
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28- ماي پارژدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي فرانسىيەنى خىتاي - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، پارژ خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىغا يۈرگۈزگەن جازانى بىكار قىلماي تۇرۇپ، بۇ تەلەپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like