ئامېرىكا يېڭى جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئېلان قىلغان جازالاش تىزىملىكىدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى رەئىسى ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 10- دېكابىر

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا 10- دېكابىر جۈمە كۈنى خىتاي، شىمالىي كورېيە ۋە بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتىلغان جازالاش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. جازالاش تىزىملىكىگە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا چېتىشلىق بىر چىراي پەرق ئېتىش شىركىتى، شىمالىي كورېيەدىكى بىر كارتون سىتودىيەسى، شۇنداقلا رۇسىيە قانۇن تەتقىقات ئورگىنى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 8 دۆلەتتىن 15 ئادەم ۋە 10 ئورۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن جازاغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك جازا تەدبىرى چىرىكلىككە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغان «ماگنېتىسكى قانۇنى» رامكىسىغا تەۋە بولۇپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئېلان قىلىنغان.

ئەركىن تۇنياز ۋە شۆھرەت زاكىرلار كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى تۈپەيلىدىن ۋاشىنگتوننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. چىراي ۋە سۈرەت پەرقلەندۈرۈش پروگراممىسى لايىھىلەشكە مۇناسىۋەتلىك «شاڭتاڭ پەن-تېخنىكا» شىركىتىنىڭ «ساقال قويغان، قارا كۆز ئەينەك تاقىغان، ماسكا تاقىغان ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى» ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ساقچىلارنىڭ كىشىلەرگە بولغان نازارەت قىلىش ۋە كىملىكىنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ دەپ قارىلىپ، جازاغا ئۇچرىغان. ئەمەلىيەتتە «شاڭتاڭ پەن-تېخنىكىسى» شىركىتى 2019- يىلىلا ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك جازالاش تىزىملىكىدە يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ بىر كارتون ستۇدىيىسى، رۇسىيەنىڭ «ياۋروپا قانۇن تەتقىقات ئورنى» ۋە ئۇنىڭ مۇدىرى، بىرمىنىڭ 4 نەپەر رايونلۇق رەھبىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3 تەشكىلاتى بار.

بىلمەسجان تەييارلىغان.

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە پارىژ شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

جۈ دېكابىر 10 , 2021
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە پارىژ شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

You May Like