ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇن لاھىيەسى ماقۇللانماقچى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا چارشەنبە(21-ئاپرېل) كۈنى خىتايغا قارشى يەنە بىر يېڭى قانۇن لاھىيەسىگە بېلەت تاشلىماقچى ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 21-ئاپرېل خەۋىرى

 

ئارمان

 

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا چارشەنبە(21-ئاپرېل) كۈنى خىتايغا قارشى يەنە بىر يېڭى قانۇن لاھىيەسىگە بېلەت تاشلىماقچى ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

 

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 280 بەتلىك مۇكەممەل بولغان قانۇن لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىققان. مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى رىقابەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىگە قارىتا كونكرېت جازا يۈرگۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خىتايغا نىسبەتەن ئەڭ تولۇق ۋە ئېغىر بولغان قانۇن لاھىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان بىر پارلامېنت ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: « بىز ئىككى پارتىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇننى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي ۋە ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە يۇقىرى دەرىجىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇق». ئۇ يەنە كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ قانۇن لاھىيەسىنىڭ 150 ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: « ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يەنە بەزى ئامىللارنى بۇ قانۇنغا كىرگۈزۈش بەكمۇ مۇھىم. بولۇپمۇ كەلگۈسىدىكى خىتاي بىلەن بولغان نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىللىق رىقابەتنى ئويلاشقاندا تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بىر قانۇن لاھىيەسىگە ئېھتىياجىمىز بار».

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» دائىرىسىدىكى تۆت تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

چا ئاپرېل 21 , 2021
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيس پەين (Marise Payne) نىڭ بىلدۈرۈشىچە: ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يېڭىدىن تۈزۈلگەن قائىدە پرىنسىپلارغا ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتات ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چەتئەل بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

You May Like