ئامېرىكا ئاۋازى: پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ياخشى كۈنلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە مەسجىدلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى يالغان دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان ئامېرىكا ئاۋازى 15- ماي ئېلان قىلغان خەۋەردە، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغنچىلىقىنى قوللىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ۋە پاكىت بىلەن رەددىيە قايتۇرۇلغان.

تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 15- ماي

 

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان ئامېرىكا ئاۋازى 15- ماي ئېلان قىلغان خەۋەردە، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغنچىلىقىنى قوللىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ۋە پاكىت بىلەن رەددىيە قايتۇرۇلغان.

 

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي خەلقئارا تېلېۋزىيە ئىستانسىسى 4-ئاينىڭ 27- كۈنى ئېلان قىلغان «نەزەر» پروگراممىسدا، پاكستان، پەلەستىن ۋە سۈرىيە باش ئەلچىلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بارلىق باستۇرۇشلىرىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ دېگەن، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان.

 

پەلەستىن باش ئەلچىسى پارىس مەھدەۋى ۋە پاكستان باش ئەلچىسى مويىن ۋە خاق – خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ۋەتىنى زىيارىتىگە بارغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان.

 

پەلەستىن باش ئەلچىسى مەھدەۋى مۇنداق دېگەن: «بىلەمسەن، ئەگەر سەن ھەممىنى قوشۇپ ھېسابلىساڭ، بۇ يەردىكى بارلىق ئومۇمىي مەسجىدلەرنىڭ سانىنى ھېسابلىساڭ، ھەر ئىككى مىڭ ئاھالىغا بىر مەسجىد توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ پەلەستىندە بۇنداق كۆپ مەسجىد يوق، ھېچقانداق يەردە يوق. ئەلۋەتتە بۇ مەسجىدلەر بۇرۇن سېلىنغان بولۇپ، ناھايتى ياخشى قوغدالغان، بۇ مەسجىدلەر كېچە – كۈندۈز ئېچىلىپ تۇرىدۇ. ئىنتايىن زامانىۋىي، بىز ئېكىسكۇرسىيە قىلغان بەزى مەسجىدلەر يېقىنقى 4-5 يىل ئىچىدە سېلىنغان.»

 

مەزكۇر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە، پەلەستىننىڭ يالغانچىلىقىنى تەپسلىي شەرھىيلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا، ئىسلامغا، مەسجىدلەرگە قارشى سىياسەتلىرىنى پاكىت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى باشتىن – ئاخىرى، داۋاملىق قوللاپ كەلگەن ئونلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

گېرمانىيە كارخانىلىرى شەرقى تۈركىستاندىن چېكىنىشى مۇمكىن

دۈ ماي 17 , 2021
يېقىندا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى " تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى" نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. "جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى" Süddeutsche Zeitung نىڭ 16-ماي ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە دېيىلىشىچە: ئەگەر بۇ قانۇن تەستىقلىنىپ قالسا بارلىق "ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك" بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان گېرمانىيە كارخانىلىرى تاقىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

You May Like