ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 12-دېكابىر
ھەبىبۇللا ئىزچى
خەۋەرنى «كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەمىنلىگەن
2012 -يىلى 12-ئاينىڭ 12- كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشقا تىبەت تەشكىلاتلىرى، خوڭكوڭلۇقلار شۇنداقلا ئەزەربەيجانلىق تۈرك قېرىنداشلار قاتناشتى. نامايىشچىلار قوشۇنى تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىن كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالدىغىچە ماڭدى. تورونتونىڭ سوغۇقىغا قارىماي بۇ نامايىشنى ۋىجدانى بۇرچ ،تارىخى ۋەزىپە دەپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز يول بويى :« شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق! »، « ھۈسەن جېلىلغا ئەركىنلىك!»، « نومۇسسىز خىتاي!»، « 2022 بېيجىڭ ئولىمپىكىنى رەت قىلايلى!»، « كانادا ئۇيقۇڭنى ئاچ!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ماڭدى.
نامايىش ھەققىدە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ فەيسبۇك سەھىپىسىدە شۇنداق دەپ يازىدۇ : «ھۆرلۈك، ئەركىنلىككە تەشنا ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىككە چاقىرىق قىلغان شوئارلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىماقتا!، كۆرگىلى تۇتقىلى بولمايدىغان ئۈمىدلەر ماڭا تاڭ مەنزىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى پىچىرلىماقتا!»