تەرجىمە: شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) مۇسۇلمانلارنى زور كۆلەمدە يۆتكىمەكتە، يىغىۋىلىش لاگىرلىرى گەنسۇغا كۆچۈرۈلمەكچى

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىستانسىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) يەرلىك ھۆكۈمەت 9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ پويىز ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى توشۇيدىكەن.

 

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتايچە خەۋىرى

تەرجىمان: ئەردەم

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

  [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]     شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىستانسىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) يەرلىك ھۆكۈمەت 9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ پويىز ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى توشۇيدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)لىق مۇسۇلمانلار شىمالىي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)غا، شىمالىي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)لىق قازاقلار بولسا گەنسۇ رايونىغا يۆتكىلىدىكەن. ئۆتكەن ھەپتە ئىستانسىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) قەشقەر كونا شەھەر ساقچىلىرىمۇ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)لىق مۇسۇلمانلارنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈرۈلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. 9- ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) يەرلىك ھۆكۈمىتى ئاتالمىش:» ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش تەربىيەلەش مەركىزى»، » كەسپى تېخنىكا يىتىلدۈرۈش مەركىزى» دىكى مۇسۇلمانلارنى بارا- بارا باشقا رايونلارغا يۆتكىگەن. نۇرغۇنلىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)لىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يۆتكەش جەنۇبى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ، شىمالىي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاغا ئالاقىدار بولۇپ، يۆتكىلىدىغانلار سانى 300~200 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدىكەن. يۆتكىلىدىغان ئادەم 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. نامسىز بىر مۇسۇلمان 1- ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى يۆتكەشپ ئەكىتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە:» 1- شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)دىكى يەرلىك تۈرمىلەردە ئادەم پۈتۈنلەي توشۇپ كەتكەن. 2- ھۆكۈمەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، چۈنكى بۇ تۈرمىلەردىكى گۇندىپايلار بولسۇن، ساقچىلار بولسۇن، نۇرغۇن خىزمەتچى خادىملارنىڭ يۈزدىن بىرىنىڭ بولسىمۇ يەرلىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار. تۇتۇلغانلار بەك كۆپ بولغاچ، تۈرمە باشقۇرغۇچىلارنىڭ يىقىن تۇغقانلىرىمۇ تۇتۇپ سولانغان. ئاندىن ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى سىرتقا تارقاتقان. ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت يېقىندا سىياسىي تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق ھۆججەت چىقارغان بولۇپ، ئۇچۇرنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش بۇيرۇلغان. ئۇ يەنە » بىر ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشچە، سىياسىي قايتا تەربىيەلەش مەركەرلىرىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى دىگەندە، تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا تۇغقان، دوست، خىزمەتداش دىگەندەك ھەرخىل مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، بۇندىن كىيىن رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۇلار سىرتتىن باشقۇرچىلارنى بۇ يەرگە يۆتكەپ، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى ئۇ ياققا ئەۋەتمەكچى» دىدى. 9- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئىلى ئوبلاستىدىكى نەچچە مىڭ مۇسۇلمان كىشىلەر ھەر قايسى جايلاردىن ئالتاي ۋىلايىتىگە يۆتكەلگەن. ئالتايدىكى مۇسۇلمانلار بولسا سانجى ئوبلاستىغا پالانغان. ئۇندىن باشقا، سانجىغا سولانغان مۇسۇلمانلار بولسا 1000 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى گەنسۇ ئۆلكىسىگە يۆتكەلگەن. چەتئەلدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنلىرىگە يۆتكەلگەن. يەرلىك ھۆكۈمەت قاراۋۇللارنىڭ مەھبۇسلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋىلىشىدىن ساقلىنى ئۈچۈن، يۇقىرى مۇئاش بىلەن گەنسۇدىن باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، تەربىيەلەش لاگىرلىرىدا يىتەكچى قىلغان. كۈنەس ناھىيەسىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت يۈزلىگەن ساقچىلارنى تەشكىللەپ، مىڭلىغان مەھبۇسلارنى تەربىيەلەش لاگىرلىرىدىن مەخپى يۆتكەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. يۆتكەش جەريانىدا، كوچىلاردىكىلەرنىڭ رەسىمگە تارتىشى، ئاھالىلەرنىڭ دىرىزە ئىچىشى، شەخسىي ماشىنىلارنىڭ يولغا چېقىشى قاتتىق چەكلەنگەن. بىر مۇسۇلماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەچچە مىڭ كىشى ئىلى پويىز ئىستانسىسىغا ئىلىپ بىرىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەرگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، يىقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)دىكى ھەرقايسى جايلاردىن چوڭ ئاپتۇبۇسلار ئۈرۈمچىگە ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان بولۇپ، ئاپتۇبۇسلارنىڭ دىرىزىلىرىگە قارا پەردە تارتىلغان، لىققىدە ئادەم باسقان، ئەرلەر، ئاياللار بار ئىكەن. ئۇ ئايال:» ئاڭلىشىمچە ئادەم بەك كۆپ تۇتۇلغاچ، كىشىلەر پويىزلاردا تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئىچكىرىگە توشۇلىۋىپتۇ» دىدى. يۆتكەشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆمۈر يول ۋە تاشيوللار قامال قىلىنغان. بىر ھەپتە ئاۋال يەرلىك ھۆكۈمەت تاشيول قاتنىشى زور مىقداردىكى تىرانسىپورت خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پويىز ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىنغانلارنى يۆتكەيدىغان بولغان. » ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» 9- ئانىڭ 26- كۈنى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسىنى تەڭشەش ئىھتىياجىدىن، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) تۆمۈر يولى ۋاقتىنچە يولۇچىلار بىلىتى سېتىشنى توختىتىلغان. شۇ كۈندىن باشلاپ 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ۋە كىيىنكى كۈنلەردىكى پويىز بىلەتلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان. ئەمما، ھۆكۈمەت بۇ ئىشنىڭ كونكىرىت سەۋەبى ۋە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەنلىكى ھەرخىل گۇمان ۋە مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان. ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق بىر ئاز سانلىق مۇسۇلمان دۈشەنبە كۈنى ئىستانسىمىزغا:» ھۆكۈمەتنىڭ بىلەت سېتىشنى توختىتىشى ئۇلارنى ھەيران قالدۇردى ۋە نۇرغۇن تەشۋىش پەيدا قىلدى. 9- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە ئۈررۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى بىلەت ساتمايدىكەن. بۇ مەزگىل قاتناش جىددىي مەزگىل تۇرسا، نېمىشقا بىلەت ساتمايدۇ؟ كىشىلەر تۈرمىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قرىغىز قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئىچكىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىشىدىن گۇمان قىلىۋاتىدۇ» دىدى. ئۇندىن باشقا، ئاقسۇ تۆمۈر يول باشقۇرۇش ئىدارىسى شايار تارمىقى 9- ئاينىڭ 30 –كۈنى ئۇقتۇرۇشىدا:» ھاۋا رايى سەۋەبلىك، تىلمەت تونىلى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك قار يېغىلىپ قالدى، 217- نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى تاقىلىدۇ. كىلەر يىلى 4- ئاينىڭ 30 – كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ» دىيىلگەن. بىر مۇسۇلماننىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، 217- نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيولى، —- يولى بولسا جەنۇبى- شىمالىي شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)نى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق يول ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يولنى تاقاشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى جەنۇبى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)دىكى مەھبۇسلارنى كۈيتۈن پويىز بىكىتىگە يۆتكەپ، كۈيتۈندىن ئىچكىرىگە يۆتكەشكەن. يەنە بەزىلەر، قۇراللىق ھەربىي قىسىم 217- نۇمۇرلۇق دۆلەت يولى ئارقىلىق ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا ئەسكەر يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە يالاپ ئاپىرىش ئىكەن. ئەركىن ئاسىيا راسىئوسى بۇ ئىش توغرۇلۇق شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تېلىڧۇن قىلدى. ئەمما تىلىڧۇننى ئالغان ئەر كىشى ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلگەندىن كىيىن » خاتا ئۇرۇپسىز» دىدى. مۇخبىرىمىز يەنە پىچان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ۋە يەرلىك ساقچىخانا، مىھمانخانىلارغا تىلىڧۇن قىلدى. ئەمما ھىچكىم تىلىڧۇن ئالمىغان. ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەلدىن شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)دىكى كۆپ قىسىم رايونلارغا تېلىفۇن قىلسا بەك تەستە ئۇلىنىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تىنچ ئوكياندىكى جىددىي ۋەزىيەت

جۈ ئۆكتەبىر 5 , 2018
ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.] ئامېرىكا يەرلىك سايلام سايلامغا (يەرلىك سايلام ياكى ئارا سايلام ــ 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام ياكى پىرىزىدېنت سايلىمدىن باشقا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى سايلام بولۇپ، ئادەتتە ۋىلايەت ۋە شىتات باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلدۇ )

You May Like