ئاۋستىرالىيەدە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى قۇرۇلدى

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى «ئاسمان» مىھمانخانىسىنىڭ كاتتا بىزەلگەن زالىدا «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە لىنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋستىرالىيەدىن ئۆز مۇخبىرىمىز فاتىمە سەيياھ خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-25

 

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى «ئاسمان» مىھمانخانىسىنىڭ كاتتا بىزەلگەن زالىدا «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە لىنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كۈن نۇرى پارلاپ تۇرغان شەنبە كۈنىدىكى بۇ مۇراسىم سىدنىي ئۇيغۇرلىرىنىڭلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شاتلىقىغا جۆر بولغان ئىدى. ئېچىلىش مۇراسىمى ئالتۇن رەڭلىك مىھمانخانا زالىنىڭ چاقناپ تۇرغان خىرۇستال چىراقلىرى، دەستە-دەستە تىزىلغان يېڭى گۈللەر، ئوخشىغان ئۇيغۇر ساڭزا ۋە تاتلىق تۈرۈملىرى، ئەتلەس بىلەن بىزىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان سەھنىلەر ۋە رەڭگارەڭ ئەتلەس كۆينەك كىيىگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى شۇنداقلا كۆك شارپىلارنى تاقىۋالغان ئۇيغۇر ئەپەندىلەر بىلەن قوشۇلۇپ دەبدەبە ۋە شات-خۇرام كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى.

«ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىدنىي ۋە ئادىلەيدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئاۋستىرالىيدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ھەرقايسى ھۆكۈمەت – ئورگان ۋە باشقا تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن قوشۇلۇپ 70 ئادەم قاتناشتى. مۇراسىم ئۇيغۇرچە رىياسەتچى دىلزات دىميان ئەپەندى ۋە ئېنگىلىزچە رىياسەتچى فاتىمە سەيياھ خانىملارنىڭ يۇمۇرلۇق سۆزلىرى  بىلەن تېخىمۇ خۇشال تۈسكە كىردى.

«ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۇ ئانسامبىلنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە قانۇنى مەسئۇلى بولغان شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاندى. مۇقامچى ۋە سەنئەتكار ئاتىسى تۇرسۇن ئاكىدىن كىچىك قالغان شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى 1986-يىللاردا مەركىزى دىرامما ئىنستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستانغا يېڭىچە سەنئەتنى باشلاپ كىرگەن يول باشلىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ياپونىيەدە ناخشا كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇش داۋامىدا ياپون خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايان قىلغان.  1999-يىلى ئاۋستىرالىيەدە ئولتۇراقلاشقاندىن بۇيان ھەر خىل سەنئەت فىستىۋاللىرى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە مۇزىيلاردا ئۇيغۇرنىڭ مۇقاملىرىنى، خەلق ناخشىلىرىنى ۋە زامانىۋى كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ، ئاۋستىرالىيەدە ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراق ھازىرلىغان ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نى قۇرۇپ چىققان.

مۇراسىم نەق مەيدانغان تەكلىپ قىلىنغان مىھمانلارنىڭ «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئ‍اتالغان تەبرىك ۋە يۈرەك سۆزلىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەۋەتىلگەن تەبرىك ۋىدىئولىرى، تەبرىك خەتلىرى ۋە شېئىرلار بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى. تەبرىكلەردە ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، ئاسارەتتىن ئامان قالغانلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار مۇقام ئانسامبىلىنى ماددى ۋە مەنىۋى ئىلھاملار بىلەن ھەر ۋاقىت تەمىن ئېىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەردى.  ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىتىي قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇقام ئانسامبىلىغا ھەر جەھەتتىن يۆلەك بولىدىغانلىقى بىلەن ئانسامبىل ئەزالىرىغا كۈچ قوشتى. ئۇندىن باشقا ھەر قايسى قىتئەلەردىن ئەۋەتىلگەن تەبرىك ۋىدىئولىرىدا  رابىيە قادىر خانىم، دوكتۇر ئەركىن سىدىق، گۈلچىھرە خوجا، مەرۋايىت ھاپىز، ئۈمىت ئاگاھى قاتارلىق شەخسلەر ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، شۆھرەت تۇرسۇننىڭ سەنئەت ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ «ئاۋستىرالىيە ئ‍ۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نى قۇرۇپ چىققانلىقىنىڭ مۇھىم تارىخي ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك خەلقمىزنىڭ بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈلپەتلەر يېغىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» دەك بىر ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تالانتىلىق ۋە تەجرىبىلىك، خەلقسۆيەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىغا روھ قوشۇپ، ئۇلارنىڭ كۆرەشچان روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن دۇنيا خاراكتىرلىك ئويغىنىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى.

تاللانغان تەبرىكلەردىن كىيىن شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسى ۋەتىنىمىزنى قانغا بويىغان، خەلقىمىزگە مىسلىسىز زۇلۇم سېلىۋاتقان، دىنىمىزنى چەكلەپ، تىلىمىز، مەدىنىيىتىمىز ۋە سەنئىتىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، سەنئەتكارلىرىمىزنى قەتلى قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە، بىز ئەجدادلارنىڭ يۈزىنى يورۇق، ئەۋلادلارنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلىش ئ‍ۈچۈن، قولىمىزدىن كەلگىنىنى ئەلدىن ئايىماي «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نى قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ بىزنىڭ ئانسامبىلىمىز، سىلەرنىڭ ئانسامبىلىڭلار، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، شەرقي تۈركىستان خەلقىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر كۆيەر، سەنئەت سۆيەر دۇنيا خەلقنىڭ ئانسامبىلى. بىز خەلقىمىزنىڭ مەدەتلىرى بىلەن گۈللەپ ياشنايمىز، مۇقام ئانسامبىلىمىزنىڭ روناق تېپىپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيەت – سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشى بىزگە ۋە سىلەرگە باغلىق» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانسامبىلنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلان- مەقسەتلىرى ۋە خەلقىمىزدىن كۈتىدىغان ئوتلۇق ئۈمىدلىرىنى ھاياجانلىق ھېسلاردا بايان قىلدى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ مىللىتىمىز ۋە ۋەتىنىمىز ئ‍ۈچۈن ئالغان مۇبارەك قەدىمىنى تەبرىكلەپ، سىدني جامائىتى شۆھرەت ئەپەندىگە تون كېيدۈردى ۋە دەستە-دەستە گۈللەرنى تەقدىم ئەتتى. ئاندىن سىدني شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پىشقەدەم ئەدىب دىميان ئەخمەت ئەپەندى «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كېسىپ، مۇقام ئانسامبىلىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. فاتىمە سەيياھ خانىم ۋە دىلزات دىميان ئەپەندى «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قىسقىچە پىلان-لايىھەلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى خەلقئارا ۋە ئاۋستىرالىيەدە چوڭ ۋە كىچىك تىپلىق كونسىرتلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئانسامبىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان باشقا سەنئەتكارلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر يىلى يەر شارى خاراكتىرلىك ئايلىنىپ كونسىرت قويۇشقا تىرىشىدۇ. ئاۋستىرالىيە ۋە باشقا قىتئەلەردىن تالانتىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرمۇقام، خەلق ناخشىلىرى، ئاممىباپ سەنئەت، ئۇيغۇر چالغۇلىرى، غەرپ سازلىرى، ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى شۇنداقلا زامانىۋى ئۇسۇل قاتارلىق سەنئەت تۈرلىرىدە تەربىيلەپ قاتارغا قوشىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئوپىرا، دىراما، سىنارىيە ۋە قىسقا فىلىم ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ تالانتلىق نوتىلارغا ساۋات بېرىپ، ئۇلارنى شۆھرەت ئەپەندىدەك «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» ئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيلەشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىدۇ. «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» يەنە ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەملىرىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام» لىرىنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سەنئەت خەزىنىسىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان قىممەتلىك گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. مۇقام ئانسامبىلىمىز ياش چەكلىمىسى ۋە دۆلەت چىگرىسى ئايرىماي خەلقىمىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.»

رىياسەتچىلەر شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىنى راك مۇقامىدى ئارىيە ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە شۆھرەت ئەپەندى مۇڭلۇق ۋە يۈرەكنى سەگىتىدىغان تەمبۇر بىلەن راك مۇقامىنى باشلىشى بىلەن زالدىكى مىھمانلار تىمتاسلىققا چۆمدى. جان رىشتىدىن تار ئېشىپ چېلىنىۋاتقان مۇقام سورۇندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەتىنى شەرقي تۈركىستان، ۋەتەندە قالغان ئەزىز خەلق ۋە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەجدادلارنىڭ جەڭگىۋار سادالىرىغا باشلاپ كەتتى. مۇقام سادالىرىغا زالدىكى خىرۇستال چىراقلار، خۇشپۇراق گۈللەر، ھاياجاندىن قىزارغان يۈزلەر ۋە دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكلەرمۇ جۆر بولۇپ، شۆھرەت ئەپەندىنىڭ سىېھىرلىك ئاۋازىدا ئۆزىنى يوقاتتى. ئانسامبىل ئەزالىرىدىن دىلبەر خانىم، ئالىمجان ئەپەندى ۋە ئۇلارنىڭ 16 ياشلىق ئوغلى ياشار ناخشا، دۇتتار ۋە داپلار بىلەن شۆھرەت ئەپەندىگە قوشۇلۇپ، نەغمىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

مۇقامنىڭ كۈيلىرىدىن كۆزلىرى نەملەنگەن سورۇن ئەھلى شۆھرەت ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن «بىزنىڭ ناخشىمىز» نى خور قىلىپ ئېيتتى، ھېچ تەييارلىقسىز ئېيتىلغان خور ناخشا شات-خۇرام ھېسلارغا تولغان كۆپچىلىكنىڭ مۇزىكىغا ئىختىيارسىزلا ماسلىشىشى بىلەن خۇددى ئالدىن رەپتىس قىلىنغان خورلاردەك كەيپىياتتا ئېيتىلىپ ئاخىرلاشتى ۋە «ئ‍اۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقنىڭ ئانسامبىلى ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى تۇنجى مىنۇتلاردىلا نامايان قىلدى. ئارقىدىن مەردانە ۋە نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى «ئالتۇن تارتايمۇ» قاتارلىق ئۇسۇل پەدىلىرىگە ماسلىشىشى بىلەن زالنىڭ كەيپىياتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ھەممەيلەن مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم شاتلىقىغا چۆمدى.

كۆپچىلىك سۈرەتلەر ۋە ئايرىم سۈرەتلەرگە چۈشۈپ تارىخي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان سورۇن ئەھلى «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» ۋە شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى ۋە بۇ قېتىملىق مۇراسىم غەلىبىلىك ئاياقلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى نەدە؟» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

پە ئىيۇل 25 , 2019
7-ئاينىڭ 24-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل گراند ماكەل (Grand Makel) مېھمانخانىسىدا "ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟" تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like