ئىستانبۇلدىكى ئەركىن پائالىيەتچى ياشلارنىڭ بۇ ھەپتىلىك پائالىيىتى

ئىستانبۇلدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئائىلىسى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ياشلار بۈگۈن يەنە يېڭىچە بىر پائالىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامىنە ۋايىت (سەدەف)
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 26- سىنتەبىر

 

ئىستانبۇلدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئائىلىسى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ياشلار بۈگۈن يەنە يېڭىچە بىر پائالىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

 

قوللىرىغا  ئۆزلىرى ياسىغان ھەرخىل تەشۋىقات  پلاكاتلىرىنى ئېلىپ، قاتناش ئەڭ قىستاڭچىلىق بولدىغان يەرلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلدى.

 

«خىتاي ئائىلەم قەيەردە؟»، «جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن!»، «3~5 مىليۇنغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگىرلىردا» دېگەندەك نەچچە خىل تىلدا يېزىلغان پلاكاتلار ئىستانبۇل كوچىلىرىدا دىققەت قوزغىدى.

 

پائالىيەتچى ياشلاردىن جەۋلان ئەپەندى ۋە مەدىنە خانىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ھەقىقەتەن تەسىر كۈچى ۋە ئۈنىمى ئالاھىدە بولغانلىقىنى، ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ۋە ئالدىراش خىزمەت تۈپەيلى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىغا دىققەت قىلالمىغان كىشىلەرگە ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى قوللىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ بۇ ھەقتە سوئال سورىغانلىقىنى ئېيىتىپ بەردى.

 

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئىستانبۇلدا ئائىلىسى جازا لاگېرلىردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ۋە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تىجارەتچى ياشلار ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ پائالىيىتى ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى، گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

 

تاكسىم مەيدانىدا كىيىملىرنىڭ تەتۈر كىيگۈزىلىشى، ئەنقەرە سەپىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمەسلىكى  قاتارلىق بەزى توسقۇنلۇقلار بۇ ياشلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان بولۇپ، تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەش، مۇخبىرلارغا گۇۋاھلىق بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن  خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا.

 

 

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن تۇيۇقسىز ئۇرۇش پارتىلىدى

يە سېنتەبىر 27 , 2020
بۈگۈن تالاش-تارتىشتىكى ناگورنو-قاراباغ رايونى سەۋەبىدىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى. ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى دۈشمەنلىك ھەرىكىتى قوزغىدى، دەپ ئەيىبلەشتى. ئىككى تەرەپ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەزەربەيجان ھەربىي تىك ئۇچارى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

You May Like