تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇۋېتىلدى:

ئايرودرومدا قولغا ئېلىنىش ۋە قايتۇرۇۋېتىش ۋەقەسى

ئۇيغۇر ئۈمىد ئ‍نسانپەرۋەرلىك خىزمىتى

ئىستانبۇل، 16-ئىيۇل 2025 – تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، ئائىلىسى بىلەن بىللە ئۇزۇندىن بېرى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەلى ئابدۇررەززاق (پاسپورتتا – ئەيلى ئابدۇرىزاكە )، زىيارەت مەقسىتىدە بارغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتىپ كەلگەندە ئىستانبۇل ئايرودرومىدا توختىتىلدى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بېرى ئايرودرومدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئابدۇرۇزاق، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماي تۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇۋېتىلدى.

ئائىلىسى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە رەسمىي تۇرۇش رۇخسىتى بار ئەلىنىڭ ھەرقانداق جىنايەت خاتىرىسى ياكى چېگرادىن چىقىرىۋېتىشكە ئائىت قانۇنىي قارار بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كىرىشىنىڭ رەت قىلىنىشى قانۇنى ئۆلچەملەرگە خىلاپ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like