دولقۇن ئەيسا
بۈگۈن، 15 -ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ 37-يىلى. 1988-يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا 2 – قېتىم ئوقۇغۇچى ياشلار ھەرىكىتى پارتلىدى. 1985-يىلى 12 – دېكابىردىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىن ئۈچ يىل كېيىن قوزغالغان بۇ ھەرىكەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.
مەن بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغانلىقىمدىن غۇرۇر ھېس قىلىپ كەلدىم. مەن ئۇ ۋاقتتا تېخى ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان بىر ياش ئوقۇغۇچى ئىدىم. مەن ھەر يىلى 15-ئىيۇن يېتىپ كەلگەندە، بۇ نامايىشنى ۋە بۇ نامايىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلەيمەن. ئارىدىن 37 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ كۈننى خۇددى تېخى يېقىندا يۈز بەرگەندەك ھېس قىلىمەن ۋە بۇ نامايىشقا قاتناشقان، تەشكىللىگەن سەپداشلىرىمنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن.
1988 – يىلى 15- ئىيۇن كۈنى، «شىنجاڭ » ئۇنىۋېسىتېتىنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرى، مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىلىشى ۋە دەرس تاشلاپ نامايىش قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى. بۇ نامايىشقا 16-ئىيۇن كۈنى، «شىنجاڭ» پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. بۇ نامايىش، خىتتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ قامال قىلىشى بىلەن پەقەتلام ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇلىرىنى، خورلۇققا ۋە كەمسىتىشكە قارشى ئىسيانكار روھىنى ئىپادىلىدى. ئۇيغۇر دېموكراتىك ئىنقىلابىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردى.
«15 – ئىيۇن ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتنى «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلىپ، «شىنجاڭ» سانائەت ئىنىستىتۇتى، «شىنجاڭ» پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىر قانچە ئالىي مەكتەپتە قۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار پەن – مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى تەشكىلىگەن ئىدى.
1985-يىلى يۈز بەرگەن «12-دېكابىر» نامايىشىدىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەردە تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەر قۇرۇلدى. بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئىچىدىكى پائالىيەتلىرى بىر قەدەر جانلىق، تەسىرى كۈچلۈك بولغىنى «ستودېنتلار پەن – مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» ئىدى. بۇ ئۇيۇشمىدىكى ساۋاقداشلار بىر قانچە ئايلىق پۇختا تەييارلىقتىن كىيىن 1987 – يىلى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى بەش يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، داغدۇغۇلۇق ھالدا «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىدە «ستودېنتلار پەن – مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ چىقتۇق. مەن ئۇيۇشما رەئىسلىكىگە، روشەن ئابباس، ئابلىمىت مەمەت (ۋاپات بولدى) مۇئاۋىن رەئىسلىكە، ۋارىس ئابابەكرى ( 2019-يىلى 11-ئايدا خىتاينىڭ جازا لاگىدا ۋاپات بولدى) باش كاتىب بولۇپ سايلانغان ئىدۇق. قىسقا ۋاقت ئىچىدە «شىنجاڭ» ئۇنىۋىرسىتېتىدىكى ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ سانى بىر مىڭ 500 دىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇيۇشما تەتىل ۋاقتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەزالىرىنى ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش، مەدەنىيەت كۇرسلىرىنى ئېچىش، جەمئىيەت تەكشۈرۈش، قانۇن كۇرسلىرىنى ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
بولۇپمۇ 1988 – يىلى غۇلجىغا جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە بارغان گۇرۇپپا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى. ئۇلار تەتىل داۋامىدا غۇلجىدىكى ئون يەتتىدىن ئارتۇق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ خاراپلىشىۋاتقان، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئېچىنىشلىق مىللىي مائارىپىمىز بىلەن ھەشەمەتلىك، تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاي مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەمىلىي پاكىتلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلەپ، 70 پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەت تارتىپ كەلدى.
شۇ چاغدا غۇلجىدا سىنىپلار ئۆرىلىپ كەتكەن ياكى خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغان ۋە سىنىپ يېتىشمەسلىكتىن 10 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇشسىز قالغان ئىدى، بىز ئەمىلىي پاكىتلارغا ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، خاراپلاشقان مىللىي مائارىپ ھاققىدە بىر يازما دوكلات تەييارلىدۇق ۋە ھۆكۈمەتكە يوللاپ، مىللىي مائارىپنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردۇق. سىنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىپ، جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە مىللىي مائارىپىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش چاقىرىقىنى چىقاردۇق ۋە ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇيۇشما سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ «ئەجدادلار ئىزىدىن»، «ئۇيغۇر ئوغلى – ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» قاتارلىق تارىخىي درامىلارنى تەييارلاپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ۋە جەمئىيەتتە كۆرسىتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ باردۇق. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى كۈچلۈك راۋاجلىنىۋاتقان كۈنلەردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتايلارمۇ بەزى ئەسەبىيلىشىش ھەرىكەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى.
خىتتايلار تەپ تارتماستىن ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا: “ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن!” دېگەندەك شوئارلارنى چاپلاشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەسەبىي ھەرىكەتلەر بولۇپمۇ «شىنجاڭ » ئۇنىۋىرسىتېتىدە ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىشكە باشلىدى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقى شوئارى ئاستىدا خىتتاي ۋە مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى بىر بىنادا ھەتتا، بىر ياتاقتا ياتقۇزۇش بەلگىلىمىسىنى چىقارغاندىن كېيىن: “چەنتۇلار بىلەن بىللە ياتمايمىز، قازاقلار قوي پۇرايدۇ.” دېگەندەك مىللىي كەمسىتىش ۋە ھاقارەت مەزمۇنلىرىغا تولغان سەكسەن نەچچە پارچە تەشۋىقات ۋارىقى مەكتەپ تاملىرىغا چاپلاندى.
1988-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى «شىنجاڭ» ئۇنىۋىرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى بىناسىنىڭ ھاجەتخانا ئىشىكىگە خىتتايلار تەرىپىدىن: “ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل قىلىپ، قىزلىرىنى جالاپ قىلىۋىتەيلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى قېرى سەللە باشلار، چەنتۇلار بىلەن چوشقىلارنىڭ بۇ يەرگە تاھارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ.” دېگەن ئىنتايىن رەزىل شوئارلار يېزىلدى.
بۇ ۋەتەننىڭ، بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلەيدىغان مۇنداق ئەسەبىي شوئارلارنىڭ ئاشكارا چاپلىنىشى ھەرگىزمۇ تاساددىبىي ۋەقە بولماستىن، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ۋەھشىي سىياسىي مەقسەتلىرى يوشۇرۇلغان ئىدى.
ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋەقەنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، بىر ئاي جاۋاپ كۈتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق سۈرۈشتە بولمىدى. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋەكىل كىرگۈزۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنى بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش خىزمىتى ھەققىدە، ئوقۇغۇچىلار ئالدىغا چىقىپ دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما بۇ ھەققانىي تەلىپىمىزنى رەت قىلدى. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار يىغىن تەشكىللەش قارارىغا كەلدۇق. ئەتىسى 15 – ئىيۇن كۈنى فىزىكا بىناسىنىڭ ئالدىدا “مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىنى” ئېچىش قارار قىلىندى.
بۇ ۋەقە پارتلاش ھالىتىدە تۇرغان دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتى ئۈچۈن ئوت تۇتاشتۇرغۇچى پىلىك رولىنى ئوينىدى.
بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى پەن – مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى نامىدىن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان 12 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي بيۇروسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن، مەۋجۇت بولىۋاتقان مىللىي مەسىلىلەر، مىللىي مائارىپ قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئىپادىلەپ يازما ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. 15 – ئىيۇن سەھەردە مەكتەپ رەھبەرلىكى مەن بىلەن يەنە بىر ئۇيۇشما رەھبىرىنى ھۆكۈمەت تەرەپ سۆھبەتكە چاقىرغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىز ھەر قايسى ئۇنىۋىرسىتېتلاردىن 12 ۋەكىلىمىز تولۇق بولمىغان ئەھۋالدا ھەرقانداق سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ رەت قىلدۇق. مەكتەپ رەھبەرلىرى بۈگۈنكى رەسمىي سۆھبەت ئەمەس، سۆھبەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان، مەزمۇنى ھەققىدە سۆزلىشىدىغان يىغىن، دېگەندىن كېيىن بىز بېرىشقا قوشۇلدۇق. ئەمما ئۇلار بىزنى ئالدىغان ئىدى.
بىز رەسمىي سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. «پارتكۇم مۇئاۋىن سېكرىتارى» جانابىل، مائارىپ نازىرى جاڭ ياڭ، مالىيە نازىرى مەھمۇد، پىلان كومىتېتى مۇدىرى توختى ئىلى قاتارلىق ئەمەلدارلار سۆھبەت ھازىرلىقىدا تەييار تۇرغان ئىكەن. سۆھبەت باشلىنىپلا جىددىي مۇنازىرە بولدى. بىزنىڭ تەلەپلىرىمىز ھەققانىي بولغاچقا، پاكىتلىرىمىز تولۇق بولغاچقا غالىب ئورۇندا ئىدۇق. جانابىل ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، بىزنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىزنىڭ ئاساس ۋە دەلىللىرىمىز ئالدىدا ئاجىز كەلدى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مائارىپى ھەققىدىكى مۇنازىرە ناھايىتى كەسكىن بولدى. سۆھبەت بەش سائەت داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھەققانىي تەلەپ – سوئاللىرىمىزغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىدى. بىزنى قايىل قىلالمىدى. نەتىجىدە سۆھبەت كېينىگە سۈرۈلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا سۆھبەتلىشىدىغان بولۇپ قايتتۇق.
مەكتەپتە نارازلىق نامايىشى بولىۋاتاتتى. مەكتەپ رەھبەرلىرى مېنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشكە قىستىدى. مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەممە ئەھۋالنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم. پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنى سائەت ئىككىگە قەدەر داۋام قىلدى. ئارقىدىنلا ئوقۇغۇچىلار شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا باشلىدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ بىزنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ھەتتا قاتتىق تەسىرلەنگەن خەلق، ئوقۇغۇچى ياشلارغا ئېسىلىشىپ ھۆڭرەپ يىغلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولدى. خەلقنىڭ بۇ خىل ھاياجانلىق قوللاشلىرىدىن جاسارەتلەنگەن ياشلارنىڭ نامايىش قوشۇنى ئاچلىق، ھېرىپ – چارچاشقا قارىماستىن شەھەرنى ئايلىنىپ: «مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرىمىز! ياشىسۇن كىشلىك ھوقۇق! ياشىسۇن مىللىي باراۋەرلىك! خىتتايلارنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز! خىتايلار «شىنجاڭ»دىن چىقىپ كەتسۇن! مىللىي مائارىپىمىزنى قوغداپ قالايلى!» دېگەندەك جەڭگىۋار شوئارلارنى ياڭرىتىپ، كۈرەشلىرىنى داۋام قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشنى “15 – ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى” دەپ ئاتىدى ۋە مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرىنى، بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى. «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن» ھامىدىن نىياز، جانابىل، خۇاڭ باۋجاڭلارنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدىكى ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئالىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، مەخسۇس ئىشخانا تەسىس قىلدى.
«شىنجاڭ» ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ ئۆزىدىلا تەركىبىدە قوراللىق ساقچىلار بولغان تۆت يۈز كىشلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئالدى. كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىشقا باشلىدى. ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش چەكلەندى. بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراش بەلگىلەندى. ئارقىسىغا پايلاقچى سېلىپ قاتتىق كۆزەتتى. ئۇيۇشما ھەيئەتلىرىنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى، پاراڭلىشىشىمۇ چەكلەندى. تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىمىزگە قايتىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمىدى. ئۆيىگە قايتقانلارنى چاقىرىتىپ كېلىپ سوراق قىلدى. بۇ خىل ئېنىقلاش پائالىيىتى تۆت ئاي داۋام قىلدى. بۇ تۆت ئاي جەريانىدا پەقەت مېنىلا 32 قېتىم سوراق قىلىشتى.
1988 – يىلى 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە جىددىي يىغىن ئېچىپ، 15 – ئىيۇن ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىگە جازا چارىلىرىنى ئېلان قىلدى. «شىنجاڭ» ئۇنىۋىرسىتېتىدىن مەن ۋە ۋارىس ئابابەكرىگە ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، مەكتەپتىن قوغلاش جازاسى بەردى. باشقا 11 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا، مەكتەپتىن قالدۇرۇپ سىناش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش چارىلىرى كۆرۈلدى. پېداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتىدىن ئەركىنگە مەكتەپتىن قوغلاش جازاسى، باشقا سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچى رەھبەرلىرىگە ھەر خىل چارىلەر كۆرۈلدى. باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىمۇ ئوخشاش جازالارغا ئۇچرىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر چەت يېزا – قىشلاقلارغا پالاندى. بەزىلىرى خىزمەتكە تەقسىم قىلىنمىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرغىچە نازارەت ئاستىدا ياشىماقتا. مەنمۇ 1994-يىلى 5-ئايدا چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىنلا خىتتايلار تەقىبىدىن قۇتۇلۇپ، سىياسىي ئەركىنلىكىمگە ئېرىشتىم.
15-ئىيۇن نامايىشى ئۇيغۇر دېموكراتىك ياشلار ئىنقىلابىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ تەسىرلىك نارازلىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولدى. ئۇشبۇ ھەرىكەت، ۋەتىنىمىزدە كۈچلۈك ئويغىتىش رولىنى ئوينىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا شەكىلدە دۇنياغا جاكارلىدى. خەلقنىڭ زىيالىيلارغا، ياشلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى، ئۈمىدىنى كۈچەيتتى. خىتتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىنى، ئەپتى – بەشرىسىنى، ھىيلە – مىكىرلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. ياشلار ھەرىكىتىدىن چۆچىگەن خىتتاي ھۆكۈمرانلىرى بەزى سىياسەتلىرىنى، قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچى ياشلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش، ئۇلارنى ساقچى دېكتاتورىسى ئارقىلىق باشقۇرۇش مەقسىتىدە، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ناھىيە دەرىجىلىك ساقچى ئىدارىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. نامايىش قىلىش، سۆز – مەتبۇئات، ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكلىرى بىكار قىلىندى. بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن – تۈزۈم، بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىندى.
2025-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى
مىيۇنخېن، گېرمانىيە