قەشقەر توپىسى بىلەن نيو-يوركقا كۆمۈلگەن زات

                               نەبىجان تۇرسۇن  ( تارىخ پەنلىرى دوكتور)

مىلادىيە 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، 92 يىل ئىلگىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس ۋە ئەزىزانە قەشقەر تۇپراقلىرىغا 15 يېشىدا ئايرىلىش بىلەن ئىككىنچىلەپ قەدەم باسالمىغان بىر زات يەنىلا ۋەتىنىدىن كەلتۈرگەن قەشقەر توپىسى، ۋەتەن توپىسى بىلەن نيو-يورك شەھىرىگە كۆمۈلدى! ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئاخىرقى دەرسىنى بېرىپ كەتتى!
مىلادىيە 1934-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغىنىدا كۆك بايراققا يۆگەلگەن بىر بوۋاق، مىلادىيە 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى يەنىلا كۆك بايراققا يۆگىنىپ ئاخىرەتكە كەتتى! بۇ بوۋاقنى ئاتا-ئانىسى ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇر بايرىقىنى تىكلىگەن قەھرىمانلىرى يۈكسەك ئارزۇلار بىلەن كۆك بايراققا ئورىغان بولسا، مانا بۈگۈنمۇ يەنە شۇ ئۇيغۇرلار ئۇنى كۆك بايراققا يۆگىدى! ئۇلار ئۇنىڭ كۆك بايراققا يۆگەلگەن تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ، كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزدى ۋە قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشتى! بۇ، شەرقىي تۈركىستان بوۋىقىدىن شەرقىي تۈركىستان بوۋىيىغىچە بولغان 92 ياشلىق ھاياتلىق مۇساپىسىنى بىر ئۆمۈر كۆك بايراق ئاستىدا ئۆتكۈزگەن ئادەم-غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئىدى!

غۇلامىدىن پاختانىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا بىلەن ئىستانبۇلدا جەم بولغاندا چۈشكەن سۈرىتى. 1950-يىللار، تۈركىيە.

 «ئۆز بايرىقى بولمىغان مىللەتنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى قەدرى-قىممىتى بولمايدۇ، ئۆز بايرىقىنى تىكلەشكە  ۋە قوغداشقا ئۆزىنى پىدا قىلالمىغان مىللەتنىڭ  كۆز ياشلىرى ئەبەدىي قۇرىمايدۇ !» دېگەن ئىدى مەرھۇم غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندى ئىلگىرىكى كۆپ قېتىملىق  سۆھبەتلىرىمىزنىڭ بىرىدە.

شۇنداق! بايراق سۆيگۈسى، بايراقتىن پەخىرلىنىش روھى يوق مىللەت تارىختىن ئۆچۈرۈلۈش تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ، ھەتتا  ئۆز بايرىقىنى ۋە مىللىي قەدرى-قىممىتىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەشكەن، زەردابچەككەن ۋە شۇ يولدىن ھېچ يانمىغان ئادەملىرىنىڭ قىممەت-قەدىرىنى بىلمىگەن مىللەت ئەبەدىي  قۇللۇق تامغىسىنى ئۆزىگە ئۆزى بېسىپ ئۆتىدۇ!  مۇنداق مىللەت مەنمەنچىلىك،  ئابرۇيپەرەسلىك، پىتنىخورلۇق، شەخسىي ئاداۋەتنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان، ئۆز بايرىقىدىن قورقىدىغان، ياكى ئۇنىڭدىن قاچىدىغان، ئەمما  شەخسىي رەقىبىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھېچ قورقماستىن ياتلارنىڭ ھەتتا مىللىي رەقىبلىرىنىڭ قوللىرى بىلەن شاپىلاق ئۇرىدىغان، روھى كېسەللىكلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆزىدە ئىپادە قىلىدىغان خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. مانا بۇ خاراكتېرلەر بەك ئۇزۇن ۋاقىتلىق مەھكۇملۇق  نەتىجىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە شەكىللىنىدۇ. ئەپسۇسكى، بىر ئۆمۈر بايراق تۇيغۇسى ۋە مىللىتىم  ھەم ئەزىزانە تۇپرىقىم! ئەزىزانە قەشقىرىم! دەپ يىغلىغان، كۈرەش قىلغان، توختىماي ۋەتەن نەپىسىدە ياشىغان بۇ ئىنساننى يول يىراقلىقى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكادىكى ئون نەچچە مىڭ ئۇيغۇردىن پەقەت 20 نەچچىسىلا دەپنە قىلدى! ئەسلى  ئۇ، ئانا ۋەتىنىدە بولسا، خۇددى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك، تۇرغۇن ئالماستەك ۋە باشقىلاردەك  مىڭلاپ ئادەم  تاۋۇتىنى تالىشىپ كۆتۈرىدىغان ئادەم ئىدى! ھەي مۇساپىرلىق! ھەي ۋەتەنسىزلىك! ھەي روھى كەمتۈكلۈك!

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىرلەردىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئەڭ جىددىي  بىر باسقۇچقا، يەنى  ھالاكەت  كرىزىسىغا كىرگەن بىر دەۋردە نامى بۇ مىللەتكە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن روھى ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس، بەلكى روھى ئۆلۈپ بولغان  ئاتالمىش « ئۇيغۇر» لارنىڭ سانى  شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ئۆزلىرىنىڭ جىسمى ئۈچۈن ئۆزلىرى گۆر قېزىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئادەملىك جىسمىي مەۋجۇتلۇقى ئەمەس، بەلكى ئومۇمى مىللىي مەۋجۇتلۇقى يولىدا پۈتۈن ئۆمرىنى ھېچ ئايىماستىن، قورقماستىن، ئىككىلەنمەستىن  سەرپ قىلالىغان، ئاشۇ تۇنجى جۇمھۇرىيەت  بايرىقى لەپىلدىگەن ئەزىزانە قەشقەر ئاسمىنى ئاستىدىكى مۇقەددەس تۇپراقتا ئاپىرىدە بولغان بىر زات، يەنى تۇغۇلغاندا ئاشۇ تۇنجى  ئۇيغۇر مىللىي كۆك بايرىقىغا يۆگەلگەن  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بوۋىقى 92 يېشىدا يەنە شۇ كۆك بايراققا يۆگىلىپ، قەشقەردىن 11 مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ئاتلاتىك ئوكيان قىرغىقىغا قەشقەر توپىسى بىلەن بىرگە دەپنە قىلىندى!

نامى كۆپ يىللاردىن بۇيان ماڭا تونۇشلۇق بولغان  بۇ زات-غولامىدىن پاختانى تۇنجى قېتىم 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇنىڭ نيو-يوركتىكى ئۆيىدە كۆرگەن ئىدىم. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى  پايتەخت ۋاشىنگتون  يېنىدىكى پېنتاگون شەھىرىدىكى بىر مۇراسىمدا غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىنىڭ: « مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئارقىسىدىكى پاختا سۆزىگە قاراپ مېنى يۇمشاق، ئاسانلا ئېزىلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، ئەمەلىيەتتە تاشنى سۇندۇرۇش، چېقىش، ئېزىش مۇمكىن، لېكىن پاختىنى ھېچكىم سۇندۇرالمايدۇ، چاقالمايدۇ، مەن شۇ غولامىدىن پاختا، مېنى ھېچكىم سۇندۇرالمايدۇ!» دېگەن يالقۇنلۇق سۆزلىرى ماڭا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغانىدى. 

ھەقىقەتەن، شۇنداق ئىدى! غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىنىڭ دادىسى ئەھمەت پاختا 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بانكا-پۇل  مۇئامىلە ساھەسىنىڭ  تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى   جۇمھۇر رەئىس خوجانىياز ھاجى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر سابىت داموللا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئافغانىستان، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە ۋەكىللەر ئەۋەتتى. ئەنە شۇ قېتىمدا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھەم قورال-ياراغ ياردىمىگە ئېرىشىش خام خىيالىدا مەخسۇس موسۇل مۇھىتى باشچىلىقىدا 5 كىشىلىك  بىر ھەيئەتنى زور مىقداردىكى ئالتۇن ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن تاشكەنتكە ئەۋەتتى. ھەقىقەتەن، بۇ ئۆمەك تاشكەنتكە بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا ئېرىشتى.  ئەھمەت پاختا ئەنە شۇ ھەيئەتنىڭ  رەھبىرىي ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇلار  1 يېرىم ئاي ئەتراپىدا تاشكەنت ۋە باشقا جايلاردا تۇرغۇزۇلۇپ، ئاخىرى قۇرۇق قول يولغا سېلىندى. چۈنكى، موسكۋا ئاللىبۇرۇن پىلان تۈزۈپ بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېنىدا مۇنداق بىر تۈركىي-ئىسلامى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋە ياكى ما جوڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگانلارنىڭ «مۇسۇلمان دۆلىتى» نىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى قوللىماي، ئەكسىچە ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا سادىق ۋە ئۇنىڭغا باش ئېگىپ خىزمەت قىلىش ۋەدىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي-مىلىتارىستى  شېڭ شىسەينىقوللاش ھەم ياردەم بېرىش قارارىنى چىقىرىپ بولغانىدى.  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئېلىپ بارغان زور مىقداردىكى ئالتۇن-ئۈنچە مەرۋايىتلار سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ قېلىنىپ، موسكۋانىڭ خەزىنىسىگە كىرىپ كەتتى. ئارقىدىن موسكۋا  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوشۇنلىرىنىڭ ما جوڭيىڭقوشۇنلىرى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىش شارائىتلىرىنى ياراتتى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىچكى -تاشقى ئامىللار ۋە دۈشمەنلەرنىڭ سەۋەبىدىن  ئاخىرلاشتۇرۇلدى. 

غولامىدىن پاختانىڭ كېيىنكى پاسپورتقا يېزىلغان تۇغۇلغان يىلى 1930-يىلى، شۇنداق بولغاندا بۇ زات بۇ يىل 95 ياش بولىدۇ، لېكىن غولامىدىن  ئەپەندىنىڭ ماڭا كۆپ قېتىم سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ ئەنە شۇ دادىسى تاشكەنتكە كەتكەندە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا  6 ئايلىقتىن ئارتۇق بولۇپ، دادىسى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇغۇلغانىكەن. ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنە شۇ ئاخىرقى كۈرەش باسقۇچلىرىغا توغرا كەلگەنىدى. غولامىدىن پاختا دۇنياغا كەلگەن 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى دەل رەئىس جۇمھۇر خوجانىياز ھاجى، ھەربىي قوماندان مەھمۇد مۇھىتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يۇنۇس بەگ  قاتارلىقلار باش مىنىستىر سابىت داموللام، ئۆزبېكلەردىن زېرىپ قارى ھاجى، سۇلتانكبېك  قاتارلىق بىرقىسىم جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى  ۋە جاللات شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يەكەندىن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىققان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا ئۆزبېك ئەمەلدارلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن چەتكە قاچقان، قەشقەرلىك-ئاتۇشلۇق ئۇيغۇر -قىرغىز باشلىقلىرى تاغلارغا يوشۇرۇنغان شۇنىڭدەك  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۈزۈل-كېسىل يوق بولغان ئۇيغۇر تراگېدىيەسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنلىرى  ئىدى.  لېكىن بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ئارزۇسى ئاخىرلاشمىدى. ئۇ، 1937-يىلىغىچە دادىسى ئەھمەت پاختانىڭ تەربىيەسى ئاستىدا ۋە  گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆتتى. بۇ دەل مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساقتا ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن  زاتلارنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنى قايتا  قۇرۇش يولىدا مىللەتپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە قايتا قوزغىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانباسقۇچلىرى ئىدى.  سوۋېت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى « ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ھەتتا قەشقەردىكى ئۇيغۇر ھەربىيلىرى، يۇقىرى ھوقۇقلۇق كادىرلارغىچە ئۇيغۇرىستان ئىدىيەسى كۈچىيىپ كەتتى» دەپ باھالاپ موسكۋانى ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىگەنىدى.

ھەقىقەتەن،  1937-يىلى 4-ئايدا مەھمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە ياردەم ئېلىشقا كەتتى ۋە ئابدۇنىياز كامال باشچىلىقىدا 6- ئۇيغۇر ئاتلىق دېۋىزىيەسى ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش شوئارى ئاستىدىكى ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلاندى. لېكىن، موسكۋا، « ئوشسكىي»، « نارىنسكي» دېگەن مەخپىي ناملارغا قوللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان قوشۇنلىرىنى  ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزۈپ، قوزغىلاڭنى باستۇردى. مانا شۇ ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان رەئىس جۇمھۇر خوجانىياز ھاجى باشلىق نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا غولامىدىن پاختانىڭ دادىسى ئەھمەت پاختىمۇ قولغا ئېلىندى ۋە 1938-يىللىرى ئارىسىدا تۈرمىدىن قېچىپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش يولى بىلەن ساق قالدى. ئۆسمۈر غولامىدىن دادىسىزلىقتۇيغۇسىدا، يەنى دادام ئۆلدى دېگەن تۇيغۇدا تاكى 1949-يىلى دادىسىنىڭ ھاياتلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا قەدەر يېتىملىك ھېسسىياتلىرىنى باشتىن كەچۈردى. چەتئەلگە چىقىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئىرادىسىگە كەلگەن ئۆسمۈر غولامىدىن قەشقەردىكى ئۆزى مۇستەقىل باشقۇرغان سودا دۇكىنىدا شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ساقچى ۋە پاسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان گومىنداڭچى خىتاي ئەمەلدارى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا پارا بېرىش يولى بىلەن يول خېتى ھەل قىلىپ، 1949-يىلىنىڭ كەچ كۈزىدە ئەيسا ئەپەندى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى   مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىر قاتاردا ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ،   تاغ-داۋانلارنى، دېڭىزلارنى بېسىپ ئۆتۈپ  ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلى  – تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ دادىسى بىلەن بىرلەشتى.

 ئۆسمۈر غولامىدىن  پاختا  1945-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى قەشقەردىكى سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ئىدى.  ئۇ، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە تەلپۈنگەن  ۋە ئۇنىڭ قەشقەرنى ئازاد قىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ياشلارنىڭ بىرى ئىدى.  ئۇ،  1947-يىلى 5-ئايدا  قەشقەردە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يالقۇنلۇق نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدى، ئونمىڭلىغان قەشقەرلىكلەر قاتارىدا يېڭىشەھەردىن كوناشەرگىچە بولغان ئايرودروم يولىدا ئەخمەتجان قاسىمىنى قارشى ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىغا نۇسرەت تىلىگەنلەرنىڭ بىرى بولسا، 1947-يىلى 5-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدىكى قەشقەردىكى چوڭ نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ  «يوقالسۇن جاڭ جىجوڭ !،  جاڭ جىجوڭنى يوقىتايلى! خىتاي قوشۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن !» دەپ شوئار توۋلاپ جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلارنى قەشقەردىن قېچىشقا مەجبۇر قىلغان   نامايىشچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندى  1950-يىلىدىن ئېتىبارەن  چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي كۈرىشى قاينىمىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، 1950-يىللاردا  تۈركىيە، ياۋروپادا ياشاپ، ئارقىدىن ئامېرىكاغا كېلىپ، ھاياتلىق مۇساپىسىنى ئامېرىكا باشلىغانىدى. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەن داۋۇت ئوسمان قاتارلىق تۇنجى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى  سۈپىتىدە پائالىيەتلىرىنى بىركۈنمۇ توختاتمىدى. 

غولامىدىن ئەھمەت پاختا 1940-ۋە 1950-يىلىدىن تاكى 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان 80 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان مىللىي  سىياسىي دەۋاسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى ۋە 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنىڭ شاھىد-سىمۋوللىرىدىن بىرى. ئۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە  بۇ خىلدىكى يىغىنلار، خەلقئارالىق يىغىنلار، نامايىشلار ۋە باشقا ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان ۋە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قاتناشقان بىردىن بىر ئۇيغۇردۇر! خەلقئارا سەھنىدە ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ ئۇزۇن پائالىيەت قىلغان ئۇيغۇردۇر! 

غولامىدىن پاختا  ئۆمۈر بويى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھەر خىل ماتېرىياللارنى تىنىمسىز توپلىغان، ئوقۇغان ھەم يازغان شەخستۇر. ئۇ، تارىخقا ئائىت ماقالىلىرى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكادا ئىنگلىز تىلىدا چىققان ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ، سان-ساناقسىز ماتېرىياللارنىڭ ئىگىسىدۇر.  ئۇ بەلكى ئامېرىكا، ھەم چەت ئەللەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر خىل ماتېرىياللارنى ئەڭ بۇرۇن يىغىشنى باشلىغان، ئەڭ  كۆپ يىغقان ۋە ساقلىغان ئەربابلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك. بۇ ھەم ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قالدۇرغان بىر مەنىۋى خەزىنىسىدۇر!

غولامىدىن پاختا  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئەڭ بۇرۇن، ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت، ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئىزچىل ھەم ئەڭ تەۋرەنمەي كۆتۈرگەن زاتتۇر.  باشقىلارنىڭ بۇ بايراقنىڭ يېنىغا كەلگىنىگە، قورقمايدىغان بولغانلىقىغا ئاران 5-6 يىل بولغان بولسا، غولامىدىن پاختا ئەنە شۇ بايراققا يۆگىلىپ ۋە ئۇنى  92 يىل كۆتۈردى. 

ئۇ، پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئۆز ئىشخانىسى، ئۆز ئۆيىدىكى ئىش ئۈستىلىگە ۋە  ئۆيىگە شەرقىي تۈركىستان كۆك بايرىقىنى ئېسىپ قويۇپ ھەر كۈنى ئەنە شۇ بايراققا قاراپ ھاياتلىق سائەتلىرىنى باشلىغان ئادەم ئىدى.  مۇنداق ئۇيغۇردىن يەنە قانچىسى بار؟

مەن،  غولامىدىن پاختا دېگەن بۇ ئىسىمنى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازلىرىنى 1985-1986-يىللىرى  ئۈرۈمچىدە    ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئۆزبېكچە دولقۇنلىرىدىن ئاڭلىغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كىشىنى تونۇغانىدىم. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرى ماڭا ۋە ئەتراپىمدىكى خېلى  كۆپ ياشلارغا  چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1998-يىلىدىن كېيىن ئامېرىكادا بۇ زات بىلەن بىر ۋەتەنداش بولۇش  ھەم ئوخشاش ۋەتەن ھەسرىتىنى چېكىپ، ئاشۇ يىراقتا قالغا ئانا ۋەتەن تۇپراقلىرىنى سېغىنىش مۇساپىسىگە ئېرىشتىم، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئون قېتىملاپ كۆرۈشۈپ، سۆھبەتداش بولدۇم، تارىخ ۋە ۋەتەن تېمىسى سۆھبىتىمىزنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيتتى.   ئەلۋەتتە، مەن بىلەن كۆرۈشكەن ھەر قانداق ئۇيغۇر تارىخ تېمىسىدا سۆزلەشمەي كەتمەيدۇ، ئەمما مەن غولامىدىن ئەخمەت پاختادىن ئۆزۈم تارىخ سورايتتىم، تارىخىي شەخسلەرنى سورايتتىم، ئۇ كىشىدىن كۆپ مەنپەئەتدار بولدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 1931-1937-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توملىرىدا بۇ زاتنىڭ ئىسمىنى كۆپ يەردە مەنبە قىلىپ ئالدىم. 

ھازىرغىچە 20-ئەسىر تارىخىدا ئۆتكەن يۈزلىگەن مۇھىم ۋە مەشھۇر تارىخىي ئەربابلار بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ، خاتىرىلەر قالدۇرغان  بولسام، غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەنە شۇلارنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئەسلىمىلىرىم، خاتىرىلىرىم ۋە كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

غولامىدىن ئەھمەت پاختانىڭ ۋاپاتى قانداقتۇر 100 يىللىق بىر ئەسىرنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس! تارىخ ئاخىرلاشمىدى بەلكى تارىخ يەنە يېڭىدىن باشلاندى! ئۇيغۇر تارىخى بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا سىياسىي ۋە كۈچ -قۇۋۋەتلەر توقۇنۇشىنىڭ سەھىپىلىرىگە كىرگۈسى!

غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىمنىڭ باسقان ئىزلىرى  ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرەش سەھىپىلىرىدىنئورۇن ئالغۇسى! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  دۇنيا يۈزىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان 100 نەچچە مىللەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى، سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكىنى تىكلەش ھەم مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن  كۈرىشىشى تەبىئىي.  غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندى ئەنە شۇنداق بىر ئۇيغۇر ئىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ   ئۇنىڭ روھىنىڭ فىردەۋس جەننەتتىن بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقى  شۈبھسىزدۇر!

ئاخىرىدا شۇنى ئەسلەتكىم كېلىدۇكى، ئۇيغۇر نەدىلا بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغانلارمۇ ئۇيغۇر، ئۇنى كۈلدۈرىدىغانمۇ، يىغلىتىدىغانمۇ ۋە ئاخىرىدا كۆمۈدىغانمۇ ئۇيغۇردۇر! مەرھۇم غولامىدىن ئەھمەت پاختا ئەپەندىم  ئاخىرىدا شۇ رېئاللىقنى يەنە بىر قېتىم  ئەسلەتتى!

غولامىدىن  ئەھمەت پاختا ئەنە شۇ ئۇيغۇر بايرىقىغا يۆگىلىپ تۇغۇلۇپ ئەنە شۇ بايراققا يۆگىلىپ  دۇنيادىن كېتىشنى  ئۇيغۇرلارغا ئۆگەتكەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى! 

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەردوغان : دىموكراتىيە ئىدىئولوگىيەسى تۈگەشتى

دۈ فېۋرال 24 , 2025
تۈركىيە ستار گېزىتى خەۋىرى: 24-فېۋرال تۈركىيە جۇمھۇرىيەت باشلىقى ئەردوغان بۈگۈن مۇنداق دىدى: ئۆتكەن يۈز يىلنىڭ ئەڭ جەلىپكار ئىدىئولوگىيەسى بولغان لېبىرال دېموكراتىيە ھازىر جىددىي كرىزىس ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بىر دەۋردە بارلىق مەسىلىلەرنىڭ داۋاسى دەپ كۆرسىتىلگەن لېبىرال دېموكراتىيە- ئەمدى كونا كۈچىنى، كونا ئابرويىنى ۋە تەسىرىنى يوقاتتى.
ئەردوغان

You May Like