ئۇيغۇرلار چەتئەللىكلەرگە چوقۇنۇش ئەمەس، ئۆزىگە ئشنىشنى ئۆگىنىشى كىرەك
ئۇيغۇرىئان
«ئۇيغۇرنى پەس كۆرۈپ، چەتئەللىكنى ئارتۇق كۆرۈش»-مۇھاجىرەتتە شددەت بىلەن ئەۋج ئالماقتا.
بىر چەتئەللىكنى ئۇيغۇردىن چوڭ كۆرۈش، ئۇيغۇرنى كەمستىش- ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرنىڭ روھىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىدۇ.
نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇس-چەتئەللىكلەر ئىچىدە: «ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ئشەنمەيدۇ، بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەمكارلىشالمايدۇ» دىگەن چۇشەنچىنى ئومۇملشتۇرۇشتا زور رول ئوينىماقتا،شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مۇھىم قارارلار ئۇيغۇرلار يوق يەردە ئىلىنماقتا.
ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرنى كەمستىشىنىڭ ئىپادىلىرى ناھايتى كۆپ، بىر قسمى تۆۋەندىكىچە:
ئۇيغۇر ئالىملاردىن چەتئەللىك ئالىملارنى چوڭ بىلىش..
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى كۆزگە ئىلماي، چەتئەللىكنى ئەۋلىيا كۆرۈش..
چەتئەللىككە توختىماي، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قاخشاپ بىرىش
چەتئەللىكنى خۇددى ئەيىپ-نۇقسانسز، ۋەھشى ئەقىللىق، كەم-كۇتىسز، تىرىشچان، بىلىملىك، كۇچلۇك، ئەخلاقلىق دەپ ھسابلاش
ئۇيغۇرنى دۆت-ئىقتىدارسز،قالاق، ھورۇن، ئەسكى، ئەيى-نۇقسان بىلەن تولغان، بىرمۇ ياخشى ئادەم يوق دەپ قاراش
چەتئەللىكلەر بىلەن رەسمگە چۈشۈش، بىللە ئولتۇرۇشنى ئەمەلى ئشتىن مۇھىم بىلىش…
چەتئەللىكلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيتىنىڭ ئۆلچىمى دەپ قاراش
ئۇيغۇرلار دىگەنگە ئشەنمەي، چەتئەللىكلەر دىسە،ئاللا-كارامەت دەپ قايىل بولۇش
ئۇيغۇرلار باشلسا ئەگەشمەي، چاقىرسا قوللىماي، بىر چەتئەللىك قوللاپ قويسا، قىن-قېنىغا پاتماسلىق
كۆرگەنلا چەتئەللىككە خوشامەت قىلىپ، تازىم بەجا كەلتۈرۈش
ۋەتەندە- ختاينى ھۆكۈمران بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى يۈكسەك دەپ چوڭ كۆرۈش-ئۇيغۇرنى قۇللۇققا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتۇردى.
چەتئەلدە، بىرلىرىمىز ئامېرىكىلىقنى،بىرلىرىمىز ئەرەبنى، بىرلىرىمىز ياۋروپالىقنى، بىرلىمىز تۈركنى، بىرلىرىمىز يەھۇدىنى، بىرلىرىمىز قازاقنى، بىرلىرىمىز ياپوننى، بىرلىرىمىز ئافغانلارنى چوڭ كۆردۇق.
يتەر! بىز ئاجىز، ئەمما بىز ئوخشاش ئنسانمىز.
بىزنىڭ دۆلىتىمز يوق، ئەمما بىزنىڭ غورۇرىمىز بار!
چەتئەللىكلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئنسان، ئۇلارنىڭ بىزنى قوللىغىنىغا رەھمەت. ئەمما چەتئەللىككە چوقۇنۇش دەۋرى -ياۋايىلىق دەۋرىدىن ئىبارەت.
بىز ئاۋال ئۆزىمىزگە ئشەنمىسەك، كىم بىزگە ئشنىدۇ؟ ئۆزىمىزگە ئشەنمىسەك قانداق غەلبە قىلىمىز؟