تايلاند مۇداپىئە منسترى: ئۇيغۇرلارنى ختايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش پىلانىمىز يوق

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-يانۋار

تاھىر ئىمىن: « ئۇيغۇرلار تاكى تولۇق قويۇپ بىرىلمىگۇچە،داۋاملىق خەتەر ئىچىدە.»

تايلاند مىللىتى تور بېكىتى بۈگۈن ئ‍ىلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: دۆلەت مۇداپىئە منستىرى ۋە مۇئاۋىن باش منستىرى پۇمتام ۋىچاياچى (Phumtham Wechayachai) ئۆكتىچى پارتىيە ئادالەت پارتىيسى پارلامىنت ئەزاسنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ: «تايلاند ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ئۇيغۇرلارنى ختايغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى قارار قىلغىنى يوق.»دىگەن.

خەۋەردە، مەزكۇر 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسلىسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھاجىرلار ئالى كومېىتىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىين، دۆلەت تايلاند دۆلەت بېخەتەرلىك كېڭىشىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر دۆلەت بېخەتەرلىك كېڭىشى يېغىنىدا، مۇنداق قارار قىلىنغان:« بۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلىنغان ھەر قانداق قارار-تايلاند قانۇنىغا ئاساسەن بولۇشى كىرەك، تايلاند ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئاۋاچىلىقتىن ساقلىنىش كىرەك، شۇڭا بۇ مەسلىنىڭ قانۇنى ئارقا كۆرۇنۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەمەلدارلار تەيىنلەندى»

ئەمما مۇخبىرلار تايلاند دۆلەتلىك باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ماشنىسنىڭ مەزكۇر دۆلەت بېخەتەرلىك كېڭىشى بىناسى ئالدىغا قويۇلغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئادەتتە باش تەپتىش ئەمەلدارى مەزكۇر يېغىنىغا قاتناشمايدۇ. بۇ باش تەپتىشنىڭ ئۇيغۇرلار مەسلىسنى تايلاند دۆلىتى ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆزىگە پايدىلىق ئاساس ئىزدەۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان مۇنداق دىگەن:

مەزكۇر ۋەقە-تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا بېسم سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قارارى ھەققىدە قايتا ئويلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.«ئەمما ئۇيغۇرلار تاكى قويۇپ بىرىلمىگۇچە ئۇلار داۋاملىق خەتەر ئىچىدە»

https://www.facebook.com/share/p/1BLBvt7yPC

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرلار چەتئەللىكلەرگە چوقۇنۇش ئەمەس، ئۆزىگە ئ‍شنىشنى ئۆگىنىشى كىرەك

جۈ يانۋار 17 , 2025
https://www.facebook.com/tahiruyghurian/posts/pfbid023Lv6MqiA8yqBSrmCjY8Mo4RcmwWk57QpAC8Uy9Z4qEJvCLoA5RAYYRDHp1wRBLzEl ئۇيغۇرلار چەتئەللىكلەرگە چوقۇنۇش ئەمەس، ئۆزىگە ئ‍شنىشنى ئۆگىنىشى كىرەك ئۇيغۇرىئان «ئۇيغۇرنى پەس كۆرۈپ، چەتئەللىكنى ئارتۇق كۆرۈش»-مۇھاجىرەتتە شددەت بىلەن ئەۋج ئالماقتا. بىر چەتئەللىكنى ئۇيغۇردىن چوڭ كۆرۈش، ئۇيغۇرنى كەمستىش- ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرنىڭ روھىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىل ۋىرۇس-چەتئەللىكلەر ئىچىدە: «ئ‍ۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ئ‍شەنمەيدۇ، بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەمكارلىشالمايدۇ» دىگەن چۇشەنچىنى ئومۇملشتۇرۇشتا زور […]
ئۆزىگە ئ‍شنىش

You May Like