ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-نويابىر
ختاي دائىرلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 10-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ختاي ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى تولۇق كۇرس مەكتىپى −« شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى»نى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرغان.
مەزكۇر خەۋەردە دىيلىشچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى »2024 – يىلى 5 – ئايدا ختاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2468 مو. نۆۋەتتە، تەسىس قىلىنغان پەنلەر قانۇنشۇناسلىق، مائارىپ ئىلمى، ئەدەبىيات، تەبىئىي پەنلەر، سانائەت پەنلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، تېببىي پەن، باشقۇرۇش ئىلمى، سەنئەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت توققۇز چوڭ پەننى قاپلىغان بولۇپ، مەكتەپتە 22 مىڭ ئوقۇغۇچى بولۇش پىلانلانغان.»
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئاتالمىش شۆيۈۋەننىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا يارىتىدىغان ھەقىقى مېۋىسدىن كۆرە، ئۇنىڭ سياسى غەرەز ئۈچۈن ئشلىتىدىغانلىقىنى ئشارە قىلماقتا.
ختاي مەزكۇر مەكتەپنى ئۇيغۇر تىلىدا« ئىنۇستىتۇت» دەپ ئاتىماستىن، ختاي تىلىدىكى « شۆيۋەن» دەپ ئاتىغانلىقىمۇ، ختاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ختايلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «شۆيۈۋەن » سۆزى يوق.
ختاي دائىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، مەزكۇر «شۆيۈۋەن»نىڭ پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە سېكرىتارىمۇ جى جى فېڭ ختاي، مۇئاۋىن سكېرىتارى، مۇئاۋىن مۇدىرىمۇ ختاي مىللىتىدىن بولغان ۋاڭ جىجيەن ئىكەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئەركىنجان ئۇيغۇر تايمىزغا مۇنداق دىدى: ختاينىڭ خوتەن مائارىپىغا مەبلەغ سلىشى-ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئەمەس، ئەكسچە، مائارىپ نامىدا ئۇيغۇرلارنى ختايلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ سياسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ختاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى مۇستەملىكە قىلىشى، ئىدارە قىلىشىغا ياراملىق كىشلەرنى تەربىيلەش ئۈچۈندۇر.»
خوتەن-ئېقتسادى جەھەتتە كىين قالغان رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىپ كەلگەن، تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، ختاينىڭ خوتەن ئاھالىسدىن زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.مەزكۇر مەكتەپ-ختاينىڭ سستىملىق سياسى ھەرىكەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.